تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2016-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەر قەدىمىي شەھەر لوڭقىسى» ئەرلەر ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 25-سېنتەبىر قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا داۋاملاشتى. شۇ كۈنى شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن قازاقىستان ئاتيراۋ ئۇچقۇر يىلپىز كوماندىسى مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، تۆت مەيدان كەسكىن تىركىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى 68 گە قارشى 105 يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن قازاقىستان ئاتيراۋ ئۇچقۇر يىلپىز كوماندىسىنى ئۇتۇپ، ئىككىنچى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بۇ پەسىللىك CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ «قەشقەر قەدىمىي شەھەر» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى نامىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مۇسابىقە ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ، جەلىپكار قەشقەرنى تېخىمۇ نامايان قىلماقچى بولغان.