سىنا پەن تېخنىكا تورىنىڭ 21-يانۋار خەۋىرى: قىسمەن تورداشلار تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئۈندىدار دوسىتلار چەمبىرىكىدە ئۇچۇر ئېقىمى ئېلانىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئۈندىدارنىڭ تاۋارلىشىش جەھەتتە باسقان مۇھىم بىر قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۈگۈن ئەتىگەندە قىسمەن تورداشلار ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە «ئۈندىدار قوشۇنى» دىگەن ھېسابات نومۇرىدىن كەلگەن بىر ئۇچۇرنىڭ «قىستۇرۇلۇپ» قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلى ئادەتتىكى ئۇچۇر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدە «كېڭەيتىش ئۇچۇرى» دېگەن ئىككى خەت كۆپىيىپ قالغان، بۇنى چەككەندە بۇنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلەر چىقارغان كېڭەيتىش ئۇچۇرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «مەن قىزىقمايمەن» كۇنۇپكىسىنىمۇ تەمىنلىگەن.
ئۈندىدار قوشۇنى بۇ دوستلار چەمبىرىكى ئۇچۇرىدا ئالتە پارچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن قىستۇرما رەسىم ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ لايىھە مەقسىتىنى بىلدۈرگەن. «ئۇ ھەممە يەرگە كىرىدۇ، سىز ھېچ يەرگە يوشۇرۇنۇپ قالالمايسىز، ئۇ رەزىل ئەمەس، بەلكى سىز بۇنى چۈشەنمىدىڭىز، بىز ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئىنتىلدۇق».
شۇنىڭ بىلەن بىرگە «تەپسىلاتىنى كۆرۈش» كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ، «ئېلانمۇ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى » دەپ كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىدىكى خىلمۇ خىل بىشارەتلەر ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇچۇر ئېقىمى ئېلانى قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك خاراكتېرى باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان دوستلار چەمبىرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇچۇر ئېقىمى ئېلانىنىڭ نۆۋەتتە ئابونېنتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىشنى قىلىنماسلىقىمۇ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
تەرجىمىدە: ھاجىم