كىرالوس ئىسىملىك بىر ئادەم پاقىنى بېقىۋاپتۇ، بۇ پاقىنىڭ ئىسمى فىلىكىس ئىكەن. كىرالوس ھەر كۈنى پۇلدار بولۇشنىڭ غېمىدىلا يۈرىدىغان ئادەم ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ پاقىغا مۇنداق دەپتۇ:
-فىلىكىس، بىز پاتلا پۇلدارلارغا ئايلىنىدىغان بولدۇق، چۈنكى مەن ساڭا ئۇچۇشنى ئۆگىتىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم.
- بۈگۈندىن باشلاپ سەن دېرىزىدىن پەسكە سەكرەپ مەشىق قىلىسەن، تۇنجى كۈنى 1- قەۋەتتىن، 2 – كۈنى 2 – قەۋەتتىن سەكرەيسەن، تاكى 7- قەۋەتتىن سەكرىگۈدەك بولغىنىڭدا ئۇچار پاقىغا ئايلىنسەن، - دەپتۇ –دە ئۇنى دېرىزىدىن سىرتقا قارىتىپ ئېتىپتۇ. 2 – كۈنى فىلىكىس خوجايىنىدىن ئۆزىنى 2 – قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن ئاتماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ، بىراق كىرالوس:
- ھەر قانداق ئادەم تەرەققىياتقا، يېڭى نەرسىلەرگە ۋە يېڭى ئىجادىيەتلەرگە ھامان قوبۇل قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ، سەنمۇ شۇنداق قىلىۋاتىسەنغۇ دەيمەن؟ - دەپتۇ ۋە فىلىكىسنى قاماللاپ ئېلىپ دېرىزىدىن پەسكە قارىتىپ ئېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ 3 – كۈنىگە كەلگەندە 3- قەۋەتىن ئېتىپتۇ، 4 – كۈنىگە كەلگەندە سەكرەيدىغان يەر 4 – قەۋەت بوپتۇ. بۇ كۈنى فىلىكىس يىغلامسىراپ:
- خوجايىن، بۈگۈن ھاۋا تازا ياخشى ئەمەس، بىز ھاۋا ياخشىراق بىر كۈنى مەشىق قىلساق بولمامدۇ؟ - دەپتۇ. بىراق كىرالوس ئۇنىڭغا ۋاقىت جەدۋىلىنى كۆرسىتىپ:
- بولىدۇ. ناۋادا بۈگۈن ئۇچمىساڭ، ئەتە چوقۇم ئىككى قېتىم ئۇچۇشۇڭ كېرەك، - دەپتىكەن، ئەتىسى دۇچ كېلىدىغان قۇش ئازابىنى ئويلىغان فىلىكىس ككزىنى يۇمۇپلا دېرىزىدىن پەسكە قاراپ سەكرەپتۇ... 6- كۈنى فىلىكىس باشقا ئامال تاپالماي تەڭرىدىن ئۆزىگە ئۇچار ھايۋاننىڭ كارامىتىنى ئاتا قىلىشنى تىلىگىنىچە، دېرىزىدىن كۆزىنى يۇمۇپلا سەكرەپتىكەن، تىلىكى ئىجاۋەت بولغاندەك يەرگە ساق – سالامەت چۈشۈپۇ. 7- كۈنى فىلىكىس جاھىل خوجايىنىغا گەپ قىلىپ ئاغزىنى ئاۋارە قىلغۇسى كەلمىگەندەك، ئۇنىڭ گپ قىلىشنى كۈتمەيلا دېرىزىدىن سەكرەپتۇ. بىراق بۇ قېتىم ئۇ يوغان بىر تاشنىڭ ئۈستىگە باشچىلاپلا چۈشۈپ، ئىڭراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ئۇدۇل تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا كېتىپتۇ.
فىلىكىسنىڭ جەسىتىگە ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ كەتكەن كىرالوس بىر چاغدا ھوشىنى تېپىپ، مەشەىقنىڭ پۈتكۈلجاريانىنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ، مۇددىئاسى زادى قەيەردىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلىش ئىكەن. بىر چاغدا ئۇ خۇددى سەۋەبنى تاپقاندەك خىرىلداپ كۈلۈپ دەپتۇ:
ئەمدى ئەقىللىقراق پاقىدىن بىرنى تاپسام بولغۇدەك.