مەن ئەسلىدە سەن بىلەن ئائىلىدىن ئىبارەت ئىللىق ماكاندا مۇھەببەتكە، ئىللىقلىققا، قەدىرلەشكە ئېرىشىپ مەڭگۈ بىللە ئۆتىمەن؛ بارلىقىمنى بېغىشلاپ، ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇپ، خۇشال-خورام ياشايمەن دەپ توي قىلغان ئەمەسمۇ؟ مەنمۇ سەن بىلەن خۇددى باشقىلاردەك بەخت دىڭىزىغا چۆمۇلمەكچى ئىدىمغۇ؟ مەنمۇ باشقىلاردەك ھاياتقا كۈلۈپ قاراپ سەن بىلەن بەختىيار ياشىماقچى ئىدىمغۇ؟
ئەپسۇس ، مەن قانچىلىك ئۈمۈت ئارزۇلار بىلەن سىنىڭ قوينۇڭغا ئۆزۈمنى ئاتقان بولسام شۇنچىلىك ئۈمىتسىزلىك ئىلكىدە سىنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم. چۈنكى سەن ماڭا مەن ئىنتىلگەن يىڭى زامان تۇرمۇشىنى بىرىشتە يوق ماڭا يوغانلىق قىلىپ مىنى باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىڭ؛ باشقىلار ئالدىدا ماڭا يوغانلىق قىلاتتىڭ، ئاناڭنىڭ سىڭلىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ سىلكىشلىرىڭچۇ؟ دوسلىرىم بارىدىغان چايلارغا مىنى بارغۇزمايتىڭ، ئۇلاردەك ئايدا ئىككى قۇر كىيىم ئىلىپ بەرمەيتىڭ، سەن نىمەڭگە ماڭا مۇشۇنداق يوغانچىلىق قىلىسەن؟ مەن نىمىشكە سىنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلايمەن؟ نىمىشكە كىشىلىك ئەركىنلىگىمنى بوغۇپ سەن بارما دىگەن يەرگە بارمىغۇدەكمەن؟ سەنمۇ مىنىڭدەك ئىنسان تۇرۇپ بىز نىمىشكە باراۋەر ئەمەس، سۇغا چۈشسەڭمۇ مەن نىمىشكە ساڭا سۇ ئىسسىتىپ بەرگۈدەكمەن؟ بىر پۇڭنىڭ تۆشگىدىن مىڭ ئۆتىدىغان پىخسىقلىغىڭنى بىلمەي نىمىشكە ساڭا تەگكەندىمەن!! مەن سىنىڭدىنمۇ ئەتىۋا ئانامنىڭ ئارزۇلۇق بالىسى تۇرۇپ ساڭا قۇل بولامدىمەن؟.........مەن سەندىن مانا مۇشۇنداق ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ، سىنى ياراتماي ، سەندىن رازى بولماي ، قانائەتسىزلىك بىلەن ئائىلىدە جىدەل قۇرۇتماي ، بالامنىڭ كۆز ياشلىرىغا پەرۋا قىلماي ، مىڭلارچە سەۋەپلەرنى ئاجرىشىشقا دەستەك قىلىپ ، قانائەتسىزلىك ۋە شۆھرەتپەرەسلىكنى قانات قىلىپ، سىنى خەلقى ئالەمگە سازايى قىلىپ يۈزۈڭنى تۆكۈپ، سىنىڭدىن ياخشى؛ سىنىڭدىن بەختلىك ياشاش ئۈچۈن سىنىڭ بۇ نامرات ئۆيۈڭنى، ئۆيۈڭدىن ئىبارەت تۇرمىنى تاشلاپ ئاجرىشىپ چىقىپ كەتتىم.
ئەپسۇس ، ئاجراشقاندىن كېيىن سىنىڭدىن ياخشى ياشىماقچى يوقاتقان بەختىمنى قايتا تاپماقچى بولساممۇ بىراق رەھىمسىز رىياللىق مىنى پۇشمان تولغىقىدا قىينىماقتا ئىدى، بالامنى كۆرگۈم كىلىپ ئىزلەپ بارسام "سىنىڭدەك لاياقەتسىز ئانىغا كۆرسىتىدىغان بالا يوق "دەپ كۆرسەتمەيتىڭ، بالاممۇ مىنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولدى، مىنىڭ يۈرىگىم پىچاقتا تىلغاندەك ئازاپلانسىمۇ لىكىن سىنىڭ ئالدىڭدا يىڭىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن لىۋىمنى چىشلەپ ئالدىمغا قاراپ ھاڭ لىۋىنى بويلاپ مىڭىۋەردىم.
ياخشى ئەرلەر نىكاھقا ئەستايىدىل قاراپ، نىكاھنى ئۇلۇغلاپ بىر نىكاھ بىلەن ياشايدىكەن، توي قىلمىغانلار مىنىڭدەك توي قىلغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىسى بار بىر يۈك بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدىكەن، مەن تۇرۇپلا باشقىلار نەزىرىدە "ئەرگە ئاش بولمايدىغان يامان" بولغاندىن سىرىت ئاشنىسى يوقنىڭ ئاشنىسى ، ئايالى يوقنىڭ ئايالى بولۇپ قالدىم، دوسلىرىممۇ مەندىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچىدىغان بولدى، مەن ناھاق ھالدا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغاندا چۈشكۈنلۈك؛ يالغۇزلۇق ۋە پۇشمان ئىلكىدە ئالدىڭغا بىرىپ كەچۈرۈم سورىدىم. سەن ئەرلىك غورۇرۇڭنى جازا قىلىپ «تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى قايتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ»، «دەز كەتكەن چىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ» دەيدىغان دەستەكلەر بىلەن مىنى رەت قىلىپ، غىمىڭدە يوق ئۆزەڭگە ئاش بولىدىغان شۈكرى قانائەتچان، مەندەك ئەمەس ياۋاش بىر تەقۋا ئايال بىلەن توي قىلىۋالدىڭ.
مەن بۇ رەھىمسىز رىياللىق قاينىمىدا چايقىلىپ يۈرگىنىمدە ئاللاھ ماڭا راسلا تىلىگىنىمدىن ئاشۇرۇپ، نەچچە يەردە ئۆيى، ماشىنىسى، جەمىيەتتە ئورنى ، تۇتسا سىپى بار سىنىڭدىن ياخشى كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئەرنى بەردى. مەن بۇنىڭ بىلەن ساڭا ئۆزەمنىڭ بەختىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇم.
مەن ئۇنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا، ياخشى ئايال، ياخشى ئانا، ياخشى كېلىن بۇلۇشقا تىرىشتىم ، ساڭا يوغانلىق قىلغان بولسام ئۇنىڭغا ئۆرە بىقىپ قارىيالمايتىم، ئاياغلىرىنى مايلاپ كىيمىگە دەزمال سىلىپ كىيدۇرەتتىم شۇنداقتىمۇ ئۇ مەندىن قۇسۇر تىپىپ سىلكىپلا تۇراتتى، ئۇنىڭ قىزىنى خانىشنى كۈتكەندەك كۈتسەممۇ چىھرىدىن سۆيىنىش ۋە مىننەتدارلىقنى تاپالمايتىم، مەن ئەجرىمگە لايىق مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيتىم.
ئاللاھ ماڭا ئىقتىساتتىن بەرگىنى بىلەن مىھرى مۇھاببەتتىن ئىيىتماپتىكەن. «ئاياللارنىڭ بەختى، قەدىر-قىممىتى ئەرلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ» دىگەندەك خورلۇق ئىچىدە، داغ كۆتىرەلمەس ئاق كىگىز بولۇپ ياشايتىم، مىنىڭ بەختىم پەقەت ئىسىل كىيىمنى كىيىپ، ئىسىل ماشىنىدا ئولتۇرۇپ سىنىڭ ئالدىڭدىن مەغرۇرانە ئۆتىۋىلىش بىلەنلا چەكلىنەتتى.
سۆيگۈسىز ھەشەمەتلىك ئۆي مەن ئۈچۈن تۇرما ، مۇھاببەتسىز ئەر مەن ئۈچۈن خوجايىن ، كۈنەمنىڭ بالىسى مىنىڭ ئازاۋىم ئىدى، مىنىڭ كۈنلىرىم پۈشمان ھەسرەت ئىچىدە خۇددى ئازاپنى ھاراق بىلىپ ئىچىۋالغاندەك ئۆتەتتى، مىنىڭ كىچىكلىك قىلغان نادانلىق قىلغان يەرلىرىمنى كەڭ قوساقلىق بىلەن تۈزىتىپ يىنىڭدىن ئورۇن بەرمىگىنىڭگە، مەن بىلەن تەڭ تۇرىۋىلىپ، كەمچىلىگىمنى سەۋرىچانلىق بىلەن تۈزەتمىگىنىڭگە، گۇنايىمنى تونۇپ سەندىن كەچۈرۈم سوراپ ئالدىڭغا بارغىنىمدا ماڭا تۈزىتىش پۇرسىتى بەرمەي بالامدىن ئايرىۋەتكىنىڭگە سەندىن نەپرەتلەندىم، سىنىڭ راس دەپ ئەتىۋا ئارزۇلىق كۆندۇرۇپ، ئاياللىق ئەدەپ - ئەخلاقنى ئۈگەتمەي مىنىڭ كاجلىق بىلەن ئەرلەردىن ئۈستۇن تۇرىۋىلىشىمغا سەۋەپ بولغان ئانامدىن ، ماڭا ئاپام كىرەك دەپ پىشىمگە چىڭ ئىسلالمىغان بالامدىن ئاغرىندىم.
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، بەختنى قەدىرلەشنى بىلمەي ئاللاھ بەرگەن بەختنى ئۆز قولۇم بىلەن ۋەيران قىلغىنىمغا يىغلايمەن، مىنى قەدىرلىمىگەن بىرئەر ئۈچۈن قىلغان ئەقىدىنى ساڭا قىلمىغىنىمغا يىغلايمەن، ئۇنىڭ ئانىسىنى خانىشنى كۆتكەندەك كۈتىۋاتقىنىمدا ، مىنى قەدىرلىگەن سىنىڭ ئاناڭنى مۇشۇنداق كۈتىۋالمىغىنىمغا يىغلايمەن، ئۇنىڭ بالىسىنى پەپىلەپ يەنىلا رازى قىلىپ بولالمىغىنىمدا ئۆز بالامنى ئۆزەم باقماستىن ئۆگەي قولىغا تاشلىغىنىمغا يىغلايمەن؛ نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىلىرىمنى ئاخىرى چىقماس نىكاغا سەرپ قىلىپ، ئىللىق ماكانىمنى ۋەيران قىلغىنىمغا يىغلايمەن؛ سەۋرىچانلىقلىقتىن ئىبارەت ئىسىل ئەخلاق پەزىلەتنى يار قىلمىغىنىمغا ، شۈكرى قانائەتتىن يىراق ياشىغىنىمغا يىغلايمەن؛ ئائىلەمدە ئىشىپ تىشىپ تۇرغان بايلىقلارنىڭ قەلب بوشلۇغۇمنى تولدۇرۇپ بولالمىغىنغا يىغلايمەن؛ باشقىلاردەك بىر ئەرنى تۇتۇپ تۇرالماي ئىككى نىكاھلىق بولۇپ قالغىنىمغا يىغلايمەن!
بىلىمەن بەلكىم سەنمۇ مىنىڭدەك ھىسياتتا بولىدىغانسەن، بىلىمەن سىنىڭ ئەرلىك غورۇرۇڭ مەن دىيەلىگەن سۆزلەرنى ساڭا دىگۈزمەيدۇ، مەن سالغان ئازاپلار سىنى مىنىڭدىن ئۈمىتسىزلەندۇرگەندۇر بىراق شۇ نەرسە ئىسىڭدە بولسۇنكى چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدىغۇ؟ سەنمۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشقا، ئەر-خوتۇنلۇق ا زىدىيىتىمىزنى تۈگىتىشكە تىرىشىپ، ماڭا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، سەۋەنلىكلىرىمنى ئەپۇ قىلىپ، سەۋرىچانلىق بىلەن تۈزەتكەن بولساڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدىنى ساڭا قىلسام، گۆش يىمىسەم زاغرا يەپ، ئۆز بالامنى ئۆزۇم باقسام بولمامتى!!!!!!
ئۆتكەن ئىشلار ئۆتى كەتتى، بەلكىم تەقدىرىمىز شۇدۇر، ئاخىرىدا سەندىن كۈتىدىغىنىم گۈزەل ئۆتمۇشىمىزنىڭ يالدامىسى بولغان قىزىمىزنى ياخشى تەربىيلەپ، ماڭا سەۋرىچانلىق بىلەن بەرمىگەن تەربىيىنى ئۇنىڭغا بىرىپ، ئۇنى مىنىڭدەك پۇشمان ئالغىلى قاچا، ئىڭەك يۆلىگىلى ئاچا تاپالمايدىغان بەختسىزلەردىن قىلىپ قويماسسەن.