ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  نەسرىي ئەسەرلەر

يېڭى بىر ھايات (نەسىر)

ۋاقتى : 2015-02-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

[s]F201107211627135476700185.jpg

قوياش كۈلدى ،كائىنات كۈلدى.
يېپيېڭى بىر كۈن باشلاندى .
مىنىڭ يېڭى بىر ھاياتىم باشلاندى.مەن ئۆتمۈشۈمنىڭ بەتلىرىنى قايتىدىن يازالمايمەن،كەلگۈسۈم ماڭا نەمەلۈم.ماڭا پەقەت ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى ۋاقىت غەنىيمەت.ئىمان ئىتقادىم سۇسلىشىپ كەتمەستە،جەڭگىۋارلىقىم يوقالماستا،يۈرىكىم تېپچەكلەۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە مەن يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالدىم .ھاياتىم ماڭا مۇھاببەتلىك كۆز نۇرلىرى بىلەن تىكلىپ ،ئۈمۈد چاچقۇلىرىنى سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا خىسلەتلىك يامغۇرلىرى بىلەن قۇشۇپ چاچتى.
مەن بىر كۈنلۈك ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرماقتىمەن.مىنىڭ يېڭى بىر كۈنۈم يېڭى قوياش ئىلكىدە يېڭىلاندى.بۇ بىر كۈننىڭ دىللارغا ئارام شوخ ناۋالىرىنى پەقەت ۋە پەقەت يېڭى ھاياتىملا ئاڭلىيالايدۇ.بۇرۇختۇرمىلىقنىڭ كۈنلىرى بۇ ئاۋازنى ئاڭلاشتىن مۇستەسنا.بۇنى يېڭى ھاياتىم تىمتاسلىق ئىلكىدە ئاڭلايدۇ.بۇ بىر كۈننىڭ چۇڭقۇرلىقىقغا ئاجايىپ مەنىلىك ھېكمەتلەر يۇشۇرۇنغان .ئۇ مىنى شۇنى ئىستەشكە دەۋەت قىلىدۇ.مەن مۇھاببەتلىك ۋۇجۇدۇمنى ئەڭ سەزگۈ ھېس تۇيغۇلارغا تولدۇرۇپ ،مەنىلەر ئۈچۈن ياشىماقتىمەن .
مەن بۇ يەردە _مەن بۈگۈننىڭ قوينىدا ،يېڭى ھاياتنىڭ مەنىلىرى ئىچىدە .
بۇ بىر كۈن مەن ئۈچۈن بىر ھايات.مەن قورقۇپ ياشىساممۇ ئەجەل ھامىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كىلىۋىرىدۇ،قورقۇنچاقلىق مىنىڭ ھاياتىمنى ئۇزارتالمايدۇ .باتۇرلۇق ھەم مىنىڭ ھاياتىمنى قىسقارتالمايدۇ.مىنىڭ ئارمىنىم شۇكى :ئىمان ئېتقادىمدا چىڭ تۇرۇپ ياشاپ يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن يېڭى مەنىلەر ئىزدەش.
چۈنكى مەن -بىر ھايات، مەن ئۈچۈن بىر كۈن مىنىڭ ھاياتىم يېڭى بىر مەنزىلىم
قاراڭغۇلۇق ئەتراپنى قاپلىدى ،قاراڭغۇنىڭ زۇلمەت قەدەملىرى قوياشنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ،پۈتۈن كائىناتنى قاراڭغۇ تۈن پەردىسىگە چۆكتۈردى .ئاللىقاياقلاردا ئەنسىزچىلىكتىن ۋارقىراشقا مەجبۇر بولغان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى.
قولاقلىرىم شەپىسىز شامالنىڭ شىۋىرلىشىدەك بىر تىمتاسلىققا ئاستا ئاستا كۈنۈپ كەتتى.
مەن ھاياتىمنىڭ خولاسىسىنى چىقىرىۋاتاتتىم.بىر كۈن ئاخىرلاشقان ئىدى.بەلكى يېڭى بىر ھايات باشلىنىشقا تەرەددۇتلىنۋاتاتتى.
مەن بۈگۈن نىمىلەرنى قىلدىم؟
بۇ سۇئال مىنىڭ ھاياتلىقىمدىكى سىگنال .
مەن بۈگۈن ئىزدەندىم،ھەقىقەت ئىزلىدىم .ئاللاھنى ۋە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى سېغىنىپ ياشىدىم.
ھەقىقەتسىز ياشاش نۇمۇس ماڭا.
بىر كۈن ئاخىرلاشتى.ھاياتنىڭ بىرى ئاخىرلاشتى .مەن يېڭى ھايات كۈتىمەن.يېڭى بىر كۈن ماڭا كەلگەن يېڭى بىر ھايات.
مەن بۇ كۈندە باشقا ئۇيغۇر شىرمەتلىرىدەك ئىز قالدۇرۇشۇم ،ھەققىي ئوغۇل بالىدەك ياشىشىم كېرەك.
مەن نامىزىمدا شۇنداق دەپ دۇئا قىلدىم.

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا