يېقىندا بىر مەھەللىدە ئەپسۇسلۇق ئىش بوپتۇ. بىر دېھقان بۇغدايلىقىغا سۇ باشلاپ قويۇپ، ئۆيىگە كىرىپ - چىققۇچە قوشنىسى سۇنى ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقىغا باشلىۋاپتۇ. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ھېلىقى دېھقان قوشنىسىنى سەت گەپلەر بىلەن تىللاپتۇ. قوشنىسى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىسىمۇ، ئۇ يەنىلا بولدى قىلماپتۇ. ئۇلار ئاخىرى تىللىشىپ مۇشتلىشىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئىناق ئۆتۈشۈۋاتقان بۇ قوشنىلار شۇ ئىش سەۋەبلىك گەپلەشمەي تەتۈر قارىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنىڭدەك ئىشلار كۆپ.
كىشىلىك ھاياتتا ھەر قانداق ئادەم خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر - بىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشتىن، مەلۇم ئىشتا ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باشقىلار ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنى ئامالنىڭ بارىچە كەچۈرۈۋېتىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. ئەگەر بىراۋ بىزگە يامانلىق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا يامانلىق قىلساق، كىچىك ئىشلار چوڭىيىپ، ھەر ئىككى تەرەپ كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالىدۇ. بىراۋ قىلغان يامانلىقنى ئەپۇچانلىق بىلەن كەچۈرۈۋەتسەك، كۆڭۈل ئازادىلىككە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
ناپالىيون قول ئاستىدىكىلەرگە كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئىتالىيەنى بويسۇندۇرىدىغان بىر قېتىملىق جەڭدە كەچلىك تەكشۈرۈشكە چىقىپ، كۆزەتتە تۇرۇۋاتقان بىر ئەسكەرنىڭ دەرەخكە يۆلىنىپ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئەسكەرنى ئويغاتماي، ئۇنىڭ مىلتىقىنى ئېلىپ كۈزەتتە تۇرۇپتۇ. يېرىم سائەتتىن كېيىن ھېلىقى ئەسكەر ئويغىنىپ، مارشالنى كۆرۈپ بەكمۇ قورقۇپتۇ. ئۇنىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرگەن ناپالىيون قىلچە ئاچچىقلانماي:
− دوستۇم، مىلتىقىڭىز مەندە. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇزاق يول مېڭىپ، دەم ئالماي چارچىدىڭىز. شۇڭا، كۆزەتتە تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىڭىزنى كەچۈردۈم. لېكىن بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىردەملىك بىخەستەلىك ئارمىيەنىڭ ھالاكىتىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن، − دەپتۇ.
ئەسكەر ناپالىيوننىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپتۇ ۋە قەلبىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھۆرمەت، چوقۇنۇش، ساداقەت تۇيغۇسى قوزغىلىپتۇ...
شۇنداق، ئەپۇچانلىق ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەت. ئالىيجاناب كىشىلەر ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق ئورۇن ۋە ھەر قانداق ئىشتا ئەپۇچانلىقنى ئۆزىگە دوست تۇتىدۇ. باشقىلار ئەرزىيەت يەتكۈزگەندە قارشى تەرەپكە قارشىلىق كۆرسىتىشكە قادىر تۇرۇپمۇ، ئۆچ ئالماستىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىدۇ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن تەسىرلەندۈرىدۇ. كۆڭۈللەردىكى كىرلەرنى يۇيۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە خۇشال - خۇرام كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
دوستلار، ھازىر جەمئىيەتتە ئىناقلىق تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. بىز ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەپۇچانلىقنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلساق، زىددىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنى ئىلمىي يوسۇندا بىر تەرەپ قىلساق كەڭ قورساقلىق بىلەن كەچۈرۈۋەتسەك، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىناقلىقنى ساقلاپ قالالايمىز. ئەپۇچانلىق بولغاندىلا، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن ئىناق - ئىتتىپاق، كۆڭۈل ئازادىلىكىدە ئۆتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھەممىمىز كۆڭۈل - كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ھەقىقىي ئىشەنچ ۋە ئىناقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان چىن دوستلۇق بەرپا قىلايلى. كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق روھى ھەممىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغاي!