ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  نەسرىي ئەسەرلەر

كېچىكىپ كۆرۈلگەن ئۇچۇر

ۋاقتى : 2011-10-17  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

 

مەخمۇت ناسىر
 
مۇھەممەت ئۇچۇر ئوقۇلۇپ تۈگىمەيلا ئاۋازىنىمۇ تۇتالماي ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ سۆيگەن يارىغا ئىشەنمەي قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلدى. چۈنكى ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئۇچۇر ئەۋەتكەن قىز ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغاندا ماشىنا سوقۇۋېتىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ تاشلاپ قويغان يانفونىنى ئېچىپ كۆرگەن ئىدى:
1. ئۇچۇر:
بۈگۈن بىز ئايرىلغان 1-كۈن. مەن سىزنى سېغىنىۋاتىمەن. سىزچۇ؟ سىزمۇ مېنى سېغىنىۋاتامسىز! مەن تېلېفون ئۇرسام ئالمىدىڭىز. ئالدىراش بولۇپ قالدىڭىزمۇ ياكى تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ ۋە ياكى ئاچچىقىڭىز يانماي ئالمىدىڭىزمۇ؟
2. ئۇچۇر:
سەنسىز ئۆتكەن باھاردىن، يازدىن،
سېنى كۆرگەن قىشىم ياخشىكەن.
سەندىن جۇدا ئۆتكەن كۈنلەردىن،
سېنى كۆرگەن چۈشۈم ياخشىكەن.
 
مەن بۈگۈن سىزنى چۈشۈمدە كۆردۈم. چۈشۈمدە بۇ دۇنيادا سىز ئىككىمىزلا قاپتىمىز، مەن ئېگىز بىر تامدا تۇرغىدەكمەن، سىز پەستە تۇرغىدەكسىز، ئەمدى ئىككىمىز بىرگە ياشايدىغان بولدۇق، سىز مەن بىلەن بىللە مېڭىڭ، دەپ قولۇمنى سۇنسام، سىز مېنىڭ ئىشىم بار ئىدى، ئىشىمنى تۈگۈتىپ كېلىمەن دەپ كېتىپ قالدىڭىز. چۈش دېگەن ئەكسىچە بولىدۇ. سىز مېنى تاشلاپ كەتمەيسىز-ھە!؟ 
 
3. ئۇچۇر:
مەن سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمىغىلى بۈگۈن 3 كۈن بولدى. مەن ھەر كۈنى دېگۈدەك سىزگە تېلېفون قىلىۋاتىمەن. ماڭا راستلا ئىشەنمەمسىز؟ مەنمۇ قانداق ئىشەندۈرۈشنى بىلمىدىم، نېمىلا دېسەم ئىشەنمەيسىز. سىز ھامان بىر كۈنى ماڭا ئىشىنىسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مېنىڭ مۇھەببىتىمگە ئىشەنماي قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭىز سەۋەبىدىن مېنى باغرىڭىزغا بېسىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورايسىز. چۈنكى ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ. سىز ھامان مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىسىز. يۈرىكىڭىزدىكى كۆيۈك ئوتىنىڭ ئۇنداق ئاسان ئۆچۈپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
 
4. ئۇچۇر:
بىز كۆرۈشمىگىلى بۈگۈن 4 كۈن بولدى. سىزنى ئىزدەپ بېرىش ئىستىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئاللاھدىن ئۆزۈمگە مەدەت تىلەۋاتىمەن. ھە راس، سىز ئاغرىپ-تارتىپ قالمىغانسىز-ھە؟ روزا تۇتىمەن دەپ ئاشقازىنىڭىز يەنە ئاغرىپ قالدىمۇ ياكى بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ نېمىلا بولسۇن، تېلېفۇن ئۇرسام ئېلىڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي. مېنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ.
 
5. ئۇچۇر:
 بەش كۈن بولدى. بەش كۈندىن بۇيان كۆزۈمدىن ياش قۇرىمىدى. يۈرۈكۈم قاتتىق ئېچىشىپ، پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ. سىز ھىچ نېمە بولمىدىڭىزمۇ؟ مېنىڭ بارغانسېرى بەرداشلىق بەرگۈچىلىكىم قالمايۋاتىدۇ. ئاللا ماڭا رېھىم قىلغىن، بۇ بەندەڭ ماڭا رەھىم قىلمايۋاتىدۇ. سەن ماڭا رەھىم قىلغىن. بۇ بەندەڭنىڭ ماڭا ئىشەنچ تۇغۇلىدىغان دىلىنى يورۇق قىلغىن، مېنى ئەينەن كۆرۈشكە كوزىنى روشەن قىلغىن. ئاللا، ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن.
 
6. ئۇچۇر:
جېنىم! تېلېفون قىلسام ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ مەن تېلېفۇننى كۆتۈرۈپلا يۇرىۋاتىمەن سىزدىن تېلېفون كېلىپ قالسا ئاڭلىماي قالماي دەپ. مەن سىزنى مۇنچە قىينىغانمۇ؟ ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشامدۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى بىلمەيۋاتىسىز، مېنىڭ سىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى، سىزگە قانچىلىك سادىقلىقىمنىمۇ بىلمەيۋاتىسىز. بىر مەزگىل مۇشۇنداق كۆرۈشمىسەملا ئۇنتۇپ كېتىمەن، دەپ ئويلاۋاتامسىز.
 
7. ئۇچۇر:
بۈگۈن مېنىڭ چىدىغۇچىلىكىم راستلا قالمىدى. سىز بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ. ھەممىدىن ۋاز كەچسەممۇ سىزدىن ۋاز كەچمەيمەن. مېنىڭ باشقا تەلىپىم يوق، پەقەت سىز بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشسەممۇ مەيلى، بوپتۇ، ئىككىمىز ئادەتتىكىدەك دوست بولايلى، مەن سىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىڭىز بولاي ياكى مەن سىزنىڭ چاكىرىڭىز بولاي، خىزمىتىڭىزنى قىلاي. سىز ماڭا گەپ قىلمىسىڭىزمۇ مەيلى، سىزنى كۆرسەملا بولدى، مېنىڭ تىلفۇنۇمنى ئالسىڭىز-چۇ!
 
8. ئۇچۇر:
مەن سىزنى ئىزدەپ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىقتىم. مەن بۈگۈن ناھايىتى خۇشال . سىزنى ئىزدەپ بېرىشمۇ بەختلىك ئىش ئىكەن. سىزنى ئىزدەپ يول مېڭىشمۇ، ئىشىكنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەن. ئىلگىرى سىزلا مېنى ئىزدەپ ماڭغانتىڭىز. مەن ھەقىقەتەن قەدرىڭىزنى بىلمەپتىكەنمەن. مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنى مېنىڭ كەينىمدىلا يۈرىدۇ دەپتىكەنمەن. ماڭا بۇنداق قارىمايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىمىغانىكەنمەن. مەن سىلەرنىڭ ئائىلىكلەر قوروسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم....
 
9. ئۇچۇر:
سىز تېلېفون قىلسام ئالمىدىڭىز. مەن ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا بۈگۈن يەنە كەلدىم. مەن سىزنى كۆرمەي كەتمەيمەن. ئۇنداق قىلماڭ جېنىم، سىز مېنىڭ جېنىم ئىكەنسىز، بەدىنىمدىكى قېنىم ئىكەنسىز. مەن سىزسىز ياشىيالمايمەن. مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا باشقا ئەر يوق، بولغان بولسا مەن بۇنچە يالۋۇرماي كەتكەن بولاتتىم، سىزنىڭ گۇمان قىلىپ ئالغان قىيىن قىستاقلىرىڭىزغا بەرداشلىق بەرمىگەن بولاتتىم. ماڭا ئىشىنىڭ ئۆتۈنۈپ قالاي. ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە دەرۋازىنى رەسىمگە تارتىپ يوللىدىم. بۇنىمۇ كۆرمىدىڭىزمۇ؟ سىز شۇنچە رەھىمسىزمۇ؟ زىلايخامۇ مەندەك كۈنگە قالمىغان ئىدى. يۈسۈپ ئۇنى بۇنچىۋالا قىينىمىغان ئىدى. تېلېفۇننى ئېلىپ مەن بىلەن بىر كۆرۈشۈپ قويۇڭ!؟ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىساممۇ مەيلى.
 
10. ئۇچۇر:
جېنىم! بۈگۈن مەن سىزگە ھېلىقى سىز ياخشى كۆرىدىغان قاما چاپاننى ئېلىپ كەلدىم. بۇنى كىيسىڭىز چوقۇم بەك يارىشىپ كېتىدۇ. تېخىمۇ سالاپەتلىك بولۇپ كېتىسىز. مەن سىزگە بىر نەرسە ئېلىپ بەرسەم قانداق خۇشال بولىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىكەنمەن؟ ئىلگىرى سىز: سىزگە بىر نەرسە ئېلىپ بەرسەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن، دېگەن ئىدىڭىز. مەن سىزگە ھىچ نەرسە ئېلىپ بەرمەپتىكەنمەن. ئەمدى ئېلىپ بېرىمەن جېنىم، مەنمۇ مائاشىمنىڭ ھەممىسىنى سىزگە خەجلەيمەن. مېنىڭ بارلىقىم سىزگە مەنسۇپ.
 
11. ئۇچۇر:
ئەمدى مەن سىزنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. مەن سىزنى دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن كۈتتۈم. قايسى ئىشىكتىن كىرىپ-چىققانلىقىڭىزنى بىلمىدىم. شۈكرى ئاللا، خېلىمۇ مۇشۇ خەتنى يازغىدەك ماغدۇر بەردى. بىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بىللە ئۆلىمىز، بىر گۆردە ياتىمىز، دەپ ۋەدىلەشكەن. ئەمدى سىز بىلەن بىللە ياشاپ، بىللە ئۆلۈش ماڭا نېسىپ بولماپتۇ. مەيلى، مەن ئۇ دۇنيادا سىزنى ساقلايمەن. ئۇ دۇنيانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا سىزنى يەنە كۈتىمەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا