ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  نەسرىي ئەسەرلەر

ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى قوغدايلى

ۋاقتى : 2013-06-10  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

تۆۋەندىكىلەر ھاياتلىقنىڭ تۈپ قائىدىلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر:

  ھەر قانداق قىممەتلىك نەرسە ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. دەل- دەرەخلەرنىڭ يىلتىزى ئىنتايىن مەزمۇت بولسىمۇ، لېكىن گۈلى بۇنىڭ ئەكسىچە ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كۈچلۈكرەك بىرلا شامال چىقسا توزۇپ كېتىشى مۇمكىن.

  ئىنسانىيەتنىڭ ئېڭىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، نەپرەت ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن مۇھەببەت ئۇنداق بولمايدۇ. مۇھەببەت خۇددى بىر تال ئاجىز گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر قانداق بىر تاشنىڭ ئاستىدا ئوڭايلا مىجىلىپ كېتىدۇ، ھەر قانداق بىر ھايۋان ئۇنى نابۇت قىلىۋېتەلەيدۇ.

  ھاياتلىقنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك قىممىتى قوغدىلىشى شەرت.

  قىممىتى تۆۋەنرەك نەرسىلەرنىڭ ئۆزىگە يارىشا مەلۇم قوغدىنىش ئاساسلىرى بولىدۇ.

  تاشنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لېكىن ئۇنىڭ قېشىدىكى چاتقاللىقتا ئۆسكەن قىزىلگۈل قوغدىلىشى كېرەك.

  تاش جانسىز نەرسە، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىراق، قىزىلگۈل شۇنچە جانلىق، شۇنچە گۈزەل، شۇنچە رەڭدار بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭدىكى خېيىم-خەتەر ھەم قۇۋۋەت.

  قىزىلگۈلگە ھەر قاچان خېيىم-خەتەر كېلىش ئېھتىمالى بار، كىشىلەر ئۈزۈۋېلىشى ياكى ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

  مانا بۇ گۈل بىلەن تاشنىڭ پەرقى، گۈلنى خەقلەر ئۈزۈۋالىدۇ، تاشقا ھېچكىم چېقىلمايدۇ.

  ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتى بەزىدە پارقىراق ۋە سۈزۈك خىرۇستال ئالمىغا ئوخشايدۇ. ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ نابۇت بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك قىممىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوغداشك ېرەك، شۇ چاغدىلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا