ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

توردا كىشىنىڭ ئەڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆز ــ «ھى ھى»

ۋاقتى : 2014-01-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

W020140108376510650297.jpg

«ھى ھى» دېگەن بۇ سۆز بۇ يىللىق كىشىنىڭ ئەڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆز، كىشىنى ئەڭ يىرگەندۈرىدىغان پاراڭ سۆزى تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى.

«ھى ھى» دېگەن بۇ سۆز توردا ۋە قىسقا ئۇچۇرلۇق پاراڭدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇش سۈپىتى بىلەن سىزمۇ خېلى ئىشلىتىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپتىكى نوقۇل بىر ئىملىق سۆزدىن ھازىر «چوڭقۇر مەنىگە ئىگە» سۆزگە ئايلاندى. بۇ سۆزنى كۆرگەندە، بەزىلەر سۈكۈت ئىچىدە دىلخەستە بولىدۇ، بەزىلەر ئىچكى زەخمىگە ئۇچرايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۈستەلنى ئۆرۈۋېتىدۇ ......

مىكروبلوگ ئىگىسى شياۋچيەن يېقىنقى نەچچە كۈندە مىكروبلوگتىن پايدىلىنىپ بېلەت ئىستاتىستىكىلىدى: «ھى ھى» نى يىللىق كىشىنىڭ ئەڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆز دەپ تەۋسىيە قىلىشقا قوشۇلامسىز؟ ئۆتكەن ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت يەتتىدىن 30- دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان 2342 نەپەر تورداش ئىچىدە 2110 نەپىرى «ھى ھى» غا بېلەت تاشلىدى.

تورداش شياۋجوۋ پاراڭلاشقاندا «ھى ھى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشكە ئەڭ ئۆچ، بۇ ئىككى خەت چىقىشى بىلەنلا دىلخۇشلۇق تۇيغۇسى %80 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاينىڭ بېشىدا، دوستلىرى ئۇنىڭغا بىر يىگىتنى تونۇشتۇرۇپ قويغانىدى، ئىككىسى تېخى كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ ماتېرىيالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يامان ئەمەس تەسىردە بولغانىدى. ئۇلار توردا پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئۇ كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا كۇنۇپكا تاختىسىنى بىر ھازا باستى، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ باش سۈرىتىدە كىرگۈزۈش ھالىتى پەيدا بولدى، يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ...... ئالاھازەل بەش مىنۇتتىن كېيىن توككىدە قىلىپ بىر سۆز كۆرۈندى: «ھى ھى» ...... ئاخىرىدا ئۇمۇ «ھى ھى» دېگەن سۆزنى ئەۋەتىۋەتكەندىن كېيىن، قارشى تەرەپنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتتى.

سىز توردا پاراڭلاشقاندا «ھى ھى» دەمسىز؟ سىزنىڭ «ھى ھى» غا ئۇچراش قېتىم سانىڭىز كۆپمۇ؟ مۇخبىر qq توپى ۋە مىكروبلوگدا خالىغان 30 كىشىنى تاللاپ سورىۋىدى، سەككىز ئۈلۈش تورداش ئۆزىنىڭ دائىم «ھى ھى» نى ئىشلىتىدىغانلىقى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغاندا «ھى ھى» دەيدىغانلىقى، ئامالسىز قالغاندا «ھى ھى» دەيدىغانلىقى، مەسخىرە قىلغاندا «ھى ھى» دەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تورداش لۇيوۋ: «ھى ھى» چىغا ئەڭ ئۆچ، ئەگەر ناتونۇش كىشى شۇنداق دېسە ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداق دېسە ئۇ باشقا ئىش، ئەمما ساۋاقدىشىڭىز ياكى توردىشىڭىز شۇنداق قىلسىچۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىڭ، چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە سىزنى ناتونۇشتىنمۇ ناتونۇشراق كىشى دەپ ھۆكۈم قىلىپ بولدى.

تورداش لاتا كىيىملىك سەرگەردان مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار «ھى ھى» نى يېزىشقا ئامراق. ئېيتىلىشچە، مىكروبلوگ خاتىرىلىرى ئىچىدە «ھى ھى» بار مىكروبلوگ خاتىرىسى 430 مىليون پارچىغا يېتىدىكەن.

تورداش ماۋنەن بولسا بۇ سۆزنى تولىمۇ نورمال دەپ قاراپ مۇنداق دېدى: ئۇنداق ئەمەستۇ؟ بىر «ھى ھى» نى بۇنچە مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن بارمۇ، مەن پەقەتلا خالىغانچە ئىشلىتىشنى ياقتۇرىمەن، باشقا مەقسىتىم يوق.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا