ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

يىقىن تۇغقانلار نىمە ئۈچۈن توي قىلسا بولمايدۇ؟

ۋاقتى : 2013-12-02  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئىلگىرى گېن ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇشۇ ئەسىردىكى داڭلىق ئامېرىكا ئىرسىيەت ئالىمى مورگان مۇنداق دېگەن:   
قانداشلىق ۋە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ ئارقىلىقلا، ئەڭ مۇكەممەل بەدەن ساپاسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى ھازىرلانغان ئادەم نەسىللىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

ئۇ: «تېخىمۇ ئەقىللىك، تېخىمۇ ساغلام بولغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىن تۇغقانلار ھەرگىز توي قىلماڭلار.» دەپ مۇراجىئەت قىلغان.  
يېقىن تۇغقانلار توي قىلىش دېگىنىمىز، بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە تۇغقانلار ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ: بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلار ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشى چەكلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى يەنى ئاتا-ئانا بىلەن قىز-ئوغۇل، بوۋا-مومىسى بىلەن قىز-ئوغۇل نەۋرىلىرى، چوڭ دادىسى، چوڭ ئانىسى بىلەن قىز-ئوغۇل نەۋرىلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلار بولسا ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىل، تاغا-ھامما ۋە جىيەن قىز-ئوغۇللىرى قاتارلىقلار.  
  يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدىكى توي قىلىشنىڭ زىيىنى بولسا، بۇنداق مۇناسىۋەتتىكى توي قىلىش ئادەملەردىكى يوشۇرۇن گېن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

بەزى ئادەملەر بەلكىم مەلۇم بىر خىل ئىرسىي كېسەللىك گېنىنى ئېلىپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئادەملەر قارىماققا ھېچقانداق كېسىلى يوقتەك، ساغلام كۆرۈنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر «يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىك گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا بىرخىل كېسەللىك گېنىنى ئېلىپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا