ئامېرىكىلىق بىر نىكاھ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكاھ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىدا كۆرۈلىدىغان توققۇز تۈرلۈك بېشارەتنى ئوتتۇرغا قويغان. ناۋادا قايسىبىر ئەر ياكى خوتۇندا بۇ بىشارەتلەردىن تۆت تۈرلۈكى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكى كۆرۈلسە، ئۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن :
1. ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلسا . مەسىلەن ، ئورۇقلاشنى ياخشى كۆرۈش ، ھۆسن تۈزىتىش، ئۈنچە – مەرۋايىتقا ھەۋەس قىلىشقا ئوخشاشلار ؛
2. ئەر – خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىشلەر ئازلاپ كەتسە . بۇ ئەر – خوتۇنلارنىڭ ھازىرقى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتقانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن ؛
3. ئائىلىدىكى مال – مۈلۈكنى ‹‹ سېنىڭ – مېنىڭ ›› دەپ ئايرىسا ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل ئىقتىساد قىلسا ؛
4. ئائىلىنىڭ مۇراسىم ئىشلىرىغا قىزىقماس بولۇپ قالسا. مەسىلەن، توي خاتىرە كۈنى ۋە تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرلەش، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئائىلە يىغىلىشلىرىغا قىزىقمىسا ؛
5. ئۆزئارا بىللە بولۇش ئازىيىپ، ئەل – ئاغىنە، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت باغلىسا ؛
6. تۇيۇقسىزلا خىزمەتكە بېرىلىپ كەتكەن بولۇۋىلىپ، ئائىلىدىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرىدىن قاچسا ؛
7. ئەر- خوتۇن ئىككىسى كوللېكتىپ سورۇنلارغا بىللە بېرىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرسا ؛
8 . تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ، ئائىلىدىكى ۋاقتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتسا ؛
9. ئائىلە ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالسا.