ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئەر-خوتۇنلار بىرلىكتە چېنىقسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

ۋاقتى : 2013-11-20  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

16.jpg

كۆپ يىللىق ئىسسىق- سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر مۇنچە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولىدۇ. شۇڭا، بىز تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ تولىسىنىڭ ئوخشاش بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقايمىز. ساغلاملىقنى ئاسراش، كۈتۈنۈشنىڭ قائىدىسىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئەر-خوتۇنلار تەڭ قول سېلىشى، تەڭ تۇتۇش قېلىشى لازىم.
   بىرىنچى، كۆز قاراش. ئەگەر ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرى كۈتۈنۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان، يەنە بىرى بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىغانلاردىن بولۇپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ھەرىكەت جەھەتتە بىرلىككە كېلىش ناھايىتى تەس، بەزىدە تېخى قارىمۇ-قارشىلىق پەيدا بولۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە قول سېلىشنى ئۆگىنىۋىلىش ياكى ئۆزى بۇندىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ئارقىلىق قارشى تەرەپنى قايىل قىلىش كېرەك. ياشانغانلار ئادەتتە تەرساراق كېلىدۇ. شۇڭا، قايىل قىلىشتىمۇ بەك ئالدىراپ كەتمەي، بۇنىڭ ئەپچىل چارىسىنى تېپىش كېرەك.
   ئىككىنچى، چېنىقىش. ھەرىكەت تەن ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بىر كاپالىتى. ياشلارنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ تېپىپ بىللە چېنىققىنىغا ئوخشاش، ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ماس قەدەمدە بىللە ھەرىكەت قىلىشى ھەرىكەتنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق. مەسىلەن، كەچلىك تاماقتىن كېيىن سىرتقا بىللە چىقىپ ئايلىنىش، ئەتىگەن ۋە چۈشتىن كېيىن ھاۋا ياخشى چاغلاردا چېنىقىش سورۇنلىرىغا بېرىپ گۇمپا مەشىق قىلىش، تەپكۈچ ئويناش ياكى باشقا ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش دېگەندەك. ئەلۋەتتە ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ھەرقايسىسىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان چېنىقىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك ئۆيدىن بىللە چىقىپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان چېنىقىش تۈرلىرىنى تاللىسا، چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىللە قايتىپ كەلسە، يولدا ئۇنى-بۇنى سۆزلىشىپ، بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرسە، يالغۇزلۇق تارتىپ قالمايدۇ، زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدۇ.
   ئۈچىنچى، يېتىش- قوپۇش. ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسى بەك سەگەك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇيقۇسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن بەك قورقىدۇ. شۇڭا ئىمكانقەدەر بالدۇر يېتىپ، سەھەر تۇرۇش، ئۇخلاش ۋە ئورۇندىن تۇرۇش ۋاقتىنى بىردەك قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، ئەمما بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى دەل ۋاقتىدا، دەل بىر جايدا تەڭ ئۇخلاپ، تەڭ ئويغىنىشى لازىم، دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت بىر تەرەپ بەك كەچ قالمىسا، ئىككىنچى كۈنىدىكى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلا بولسا بولدى.
   ئەر-خوتۇنلار ئۇزاق يىللار بىللە ياشىغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ تەم-تاماققا بولغان ھەۋىسىنىڭ ئوخشاش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا، سالامەتلىككە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىك بولمىسىلا قارشى تەرەپمۇ مەن يېگەننى يېيىشى لازىم، دەپ تۇرۇۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت سالامەتلىككە پايدىلىق يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋىلىش كېرەك. يەنى تۇزنى، ياغنى ئاز يېيىش، ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاپ، ئۆپكىنى ياشارتىدىغان گۈلسامساق، كۈنجۈتكە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش دېگەنلىك.قىسقىسى، ياشانغان ئەر-خوتۇنلار ساغلاملىقنى ئاسراش جەھەتتە، ھەر ئىككىيلەننىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان بىردەكلىكنى ساقلىسا، بۇ ئۆز ئارا نازارەت قىلىشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا