ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى

ۋاقتى : 2013-07-11  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىت، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارغا قويۇلىدىغان تەلىپى ۋە گۈزەللىك ئۆلچىمىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق بىر ئادەمنى ھەتتا ھەرقانداق بىر شەيئىنى كۆرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى ئىنكاسى ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى يەنى چىرايى ۋە كىينىشىگە دىققەت قىلىش بولۇپ قالغان. مەنچە ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۆزگىچە گۈزەل، چۈنكى ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان گۈزەللىكى. ئۇنداقتا سىزنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئۆلچىمىڭىز قانداق؟ تۆۋەندە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىنى ئاڭلايمىز.

ئەرەب: ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى «سىرلىق» لىق. ئەرەب رىۋايەتلىرىدە سىرلىق ۋەقەلەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىمىمۇ «سىرلىق» لىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان شەھلا كۆزلىرى كىشىگە ئەڭ گۈزەل تۇيغۇ بېغىشلىيالايدۇ.

ھىندىستان: تەنناز ئاياللارلا ئەڭ گۈزەل ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستان فىلىملىرى ئارقىلىقمۇ ھىندىستاننىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىنى ئازدۇر كۆپتۇر چۈشىنىپ قالدۇق، ئاياللارنىڭ ئوچۇق رەڭلىك كىيىم كىيىشى، قويۇق گىرىم، دەرىجىدىن تاشقىرى زىبۇ-زىننەتلەر ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدۇر.

تۈركىيە: ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆلچەشتىكى ئۆلچىمى بولسا رومانتىك تۇيغۇ ۋە خۇمالىق كۆزلەر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر قاراشتىلا كىرپىكلىرى ئوقيادەك، خۇمالىق، سۆزلىيەلەيدىغان كۆزى بار قىزلار ئەڭ گۈزەل ھېسابلىنىدۇ.

كورىيە: مۇلايىم ۋە ئىتائەتچان ئاياللارلا تەڭداشسىز گۈزەل ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئاق رەڭنى ئاساس قىلغان قىزىل رەڭ قوشۇپ تىكىلگەن ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيىۋالغان مۇلايىم ئاياللار كورىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ گۈزەل ئاياللاردۇر.

ياپونىيە: چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىشى كېرەك. چىرايىدىن مۇلايىملىق يېغىپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى نۇرلۇق ئاياللار ياپونلارنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەل نازىنىن ھېسابلىنىدۇ.

ئۆزبىكىستان: ئۆزبېكلەرنىڭ نەزىرىدە ئاياللار خۇشخۇي، نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ئۆمۈرلۈك ھەمرايىغا سادىقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، ھېسسىياتقا باي بولغاندىلا ئاندىن گۈزەل ھېسابلىنىدۇ.

بۇتان: ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم پاكلىق. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇتان خانىشىنىڭ گۈزەللىكى بۇتانلىقلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىگە ئەڭ ماس كېلىدىكەن. يۇمراق، نازۇك، پاك ۋە ساپ. مانا بۇلار بۇتانلىقلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدۇر.

ۋېيتنام: ۋېيتنام ئاياللىرى ئورۇق، ئېگىز، بەللىرى ئىنچىگە بولۇپ، «گۈزەللەر دۆلىتى» دېگەن نامى بار. ۋېيتناملىقلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللار تەنناز بولغاندىلا سىرتقى گۈزەللىك ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا