ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئادەمگەرچىلىكنى ئەڭ زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا ئىشلىتىڭ

ۋاقتى : 2014-02-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

20140212110156956.jpg

ئادەمگەرچىلىك بىر خىل بايلىق مەنبەسى، ئۇنى چوقۇم ئەڭ زۆرۈر ۋاقىتتا ئىشلىتىش لازىم.   ئادەمگەرچىلىك بولسا «ئوت ئۆچۈرگۈچى ئەترەت» بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدۇ. يەنى، ئادەمگەرچىلىك سىزگە ياردەم قىلىدىغان، ئىشلىتىشكە بولىدىغان لېكىن چەك قىلىپ ساقلىغىىلى بولمايدىغان بايلىقتۇر.
ئادەمگەرچىلىككە كەلگەندە ھېچكىم چوڭچىلىق قىلىشقا جۈئەت قىلالمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ رىقابەتكە تولغان جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقى، ئىشىنىڭ ئېقىش-ئاقماسلىقى، قارشى ئېلىنىش-ئېلىنماسلىقىدىكى ئاچقۇچ بولسا ئۇنىڭ قانچىلىك ئادەمگەرچىلىكى بارلىقىغا قاراشتۇر. «ئادەمگەرچىلكى بولسا ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئادەمگەرچىلىكى بولمىسا ئىشمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ»، ئادەمگەرچىلىكنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بۇ تەمسىلدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ھالبۇكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئادەمگەرچىلىككە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئادەمگەرچىلىكنى ئىككى نوقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ: بىرى سىزنىڭ باشقىلارغا بولغان «مېھىر-مۇھەببىتىڭىز»، يەنە بىرى باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان «مېھىر-مۇھەببىتى». سىز باشقىلارغا كۆپ «شەپقەت» قىلسىىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدىن قارىغاندا، ئۇ سىزگە « ئادەمگەرچىلىك» قەرزدار بولغان بولىدۇ؛  ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قىلغان «شەپقىتى» كۆپ بولسا سىزنىڭ مەيدانىڭىزدىن قارىغاندا، سىز قارشى تەرەپكە « ئادەمگەرچىلىك» قەرزدار بولغان بولىسىز.
 گەرچە ئادەمگەرچىلىكنى ئۆلچىگىلى بولمىسىمۇ، بىراق كۆپچىلىك ئادەمنىڭ كۆڭلىدە يەنىلا بىر ئۆلچەم بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارنى ئۆلچەشكە ئىنتىلىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، بىر ئادەمدە قانچىلىك ئادەمگەرچىلىك بولسا، شۇنچىلىك جاۋاپقا ئېرىشىدۇ.
 بەزىلەر «ئادەمگەرچىلىك» كە تايىنىپ ئىش بېجىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن «ئادەمگەرچىلىك» نىڭمۇ چېكى بولىدۇ، خۇددى بانكىغا پۇل قويغانغا ئوخشاش، ساقلىغىنىڭىز قانچە كۆپ بولسا، ئالغىلى بولىدىغان پۇلمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ ساقلىغىنىڭىز ئاز بولسا، ئالغىلى بولىدىغان پۇلمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. سىز باشقىلار بىلەن ئادەتتىكىدەكلا ئالاقە قىلسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمىمۇ چەكلىك بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە ياردەم قىلىش ۋەزىپىسى ياكى مەسئۇليىتى يوق، سىزنىڭمۇ ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ياردەم قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سىزنىڭ ئادەمگەرچىلىك ئامانىتىڭىز پەقەت شۇنچىلىك بولغان. ئەگەر سىزنىڭ تەلىپىڭىز بەك كۆپ بولسا، سوممىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئادەمگەرچىلىككە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، يەنە تېخى باشقىلار سىزنى ئادەمگەرچىلىكى يوق، ياخىش- ياماننى ئايرىيالمايدۇ، ئادەمگەرچىلىككە تايىنىپ ئىش بېجىرىش نىزامىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدۇ دەپ قالىدۇ، ئاخىرىدا سىز پىرىنسىپى يوق دەيدىغان ئاتاققا قالىسىز.

20140212110213125.jpg

شۇ سەۋەپتىن، ھەر ۋاقىت ئادەمگەرچىلىكىنى ساقلاش لازىم. ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىر بانكا بولۇپ، ھەممىسىگە بىردىن ھېسسىي ھېسابات دەپتىرى قۇرۇلغان. ھالبۇكى ھېسسىي ھېساباتنى تولۇقلاش، ھېسسىي زاپپىنى كۈنسايىن موللاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىز باشقىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ ياردەم بېرىشىڭىز لازىم. ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولسا ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ ئۇلى، بىر قەدەر چوڭقۇر بولغان ھېسىيات بولمىسا ئۆزئارا ئىشەنچمۇ بولمايدۇ. ھېسىيات ئامىلىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھېسىياتنىڭ زاپپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، ئىشەنچ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەگەر سىز ھېسسىي ھېساباتنى توپلىسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز، ئۇنداقتا سىز قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ياردەمگە موھتاج بولغاندا، سىز مۇشۇ ئىشەنچتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
بىزنىڭ تەكىتلەيدىغىنىمىز، باشقىلاردىن ياردەم ۋە قوللاش تەلەپ قىلغاندا، چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، سەمىمىيلىك بىلەن كەڭ-كۇشادە ئوتتۇرىغا قويۇش، نۇرغۇنلىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە ماھارەتنى قوللىنىشقا بولغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھېسسىي ھېسابات سوممىسىنى  داۋاملىق تۈردە ئۆستۈرۈشتۇر.
بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئادەمگەرچىلىك سوممىسىنى قايتا-قايتىدىن ئېلىشقا ۋە ياكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئېلىشقا بولمايدۇ، تۇرمۇشتا بۇنداق ئادەملەرمۇ بار، باشقىلارغا ياردەم قىلىسىلا ئۆزىنى ساخاۋەتچى ھېس قىلىپ، يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ، ئادەمگەرچىلىك ھېساباتىدىن جاۋابقا ئېرىشىشكە ئالدىراپ، نەتىجىدە ئادەمگەرچىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ پەرھىزلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھەمىشە ئەكسىچە ئۈنۈمنى كەلتۈرۈپ، باشقىلارغا ياردەم قىلغان بىلەنمۇ ئۆزىنىڭ ھېسىىي ھېسابات كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنپەئەت كۆزلەش ئادەمگەرچىلىك زاپپىسىنى تەلتۈكۈس تۈگەشتۈرىدۇ.
ئادەمگەرچىلىك بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈكنى ۋە قىزغىن دوستلۇقنى مەنبە قىلغان، ئۆزى ئۈچۈن ئادەمگەرچىلىك تورى توقۇشقا باش قاتتۇرماسلىق لازىم، پەقەت سىز راستچىللىق بىلەن ئادەمگەرچىلىك ھېساباتىڭىزنى پىلانلىسىڭىزلا، تېخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە تېخىمۇ كۆپ ئادەمگەرچىلىككە ئېرىشەلەيسىز.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا