ئىتتىك مېڭىش كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارغا پايدىلىق بولۇپ، ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئىتتىك مېڭىپ بەرگەن ئاياللاردا تۇيۇقسىز سەكتە بولۇپ قېلىش ۋە كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىكلەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ .
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار كۈندە ئىتتىك مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، روھىيىتىدىكى جىددىيلىكنى تۈگەتكىلى، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئىتتىك مېڭىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.