پويىز ئىستانىسىدا پويىز كۈتۈۋاتقان بىر ئەر، يېنىدا ئولتۇرغان ناھايىتى چىرايلىق نىپىز پايپاق كىيۋالغان غۇنچە بوي بىر قىزنى كۆرۈپ، گەپ باشلايدۇ.
ئەر: پايپىقىڭىزنى نەردىن سېتىۋالدىڭىز؟ مەنمۇ ئايالىمغا بىر جۈپ ئېلىپ بېرەي دېگەن.
ئايال: مەن سىزگە نەسىھەت قىلاي، ھەرگىز ئېلىپ بەرمەڭ، ئايالىڭىز بۇ پايپاقنى كىيسە بەزىبىر تېتىقسىز ئەرلەر بۇنى باھانە قىلىپ ئايالىڭىزغا چاقچاق قىلىدۇ.
ئايالنىڭ جاۋابى ئىخچام بولسىمۇ ئەمما سالمىقى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئەرنىڭ يۈز تېرىسى تارتىشىپ كەتتى. ئىلگىرى-كېيىن بىر سۇئال بىر جاۋاپ، تېما ئوخشاش بىر پايپاق ئۈستىدە بولسىمۇ، بىراق بىر ئايال كىيگەن، يەنە بىرى ئايالىغا ئېلىپ بەرمەكچى، ئايال « ئايالىڭىز بۇ پايپاقنى كىيسە بەزىبىر تېتىقسىز ئەرلەر بۇنى باھانە قىلىپ ئايالىڭىزغا چاقچاق قىلىدۇ.» دېگەندەك ئىككى بىسلىق سۆز قىلىپ، ئاشۇنداق ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان.
بەزى تېمىلاردا ئاياللار ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن، بەلكىم ئەرلەر بەك ئۇچۇق مىجەز، ئاياللار بەك ئىچ مىجەز، تارتىنچىقراق كېلىدۇ، نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان چۈشىنىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار بىلەن خوشال پاراڭلىشالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئەرلەر ئاياللار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە چوقۇم مۇئەييەن چۈشىنىش بولۇشى لازىم. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلىپ، بەلگىلىك ئارلىق ساقلىشى، ھەرگىزمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلماسلىقى زۆرۈر.
ئاياللارنىڭ كۆپچىلكى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇپ، گەپگە ئەرلەردىن ئۇستا، بىراق بۇنىڭ كۆپچىلىكى ھېسسىي جەھەتتىن قانائەتلىنىشكە مۇھتاج، شۇڭلاشقا ئاياللار پاراڭلاشقاندا ناھايىتى ئاسانلا رەسمىي ئىش، رەسمىي تېمىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەرلەرنىڭ تېمىنى پاراڭلاشماقچى بولغان ئىشقا يۆتكىشىگە ئېھتىياجلىق. ئەرلەر پاراڭنىڭ « يېتەكچىلىك» رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن سۆھبەت چېچىلىپ كېتىدۇ.
ئاياللارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، لېكىن لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىلغان يۇمۇرىستىك تىللارغا نىسپەتەن ئىنكاسى ئاستىراق بولغاچقا، ئۇلار ئالدىرىماي چۈشىنىشى ۋە ھەزىم قىلىشى لازىم. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم پاراڭلاشقاندا، ئامال بار ماختاپ كۆككە كۆتۈردىغان تىللارنى ۋە شوخ سۆزلەرنى قىلماسلىق زۆرۈر بولمىسا ناھايىتى ئاسانلا ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «بۈگۈنكى چاچ پاسۇنىڭىز بەك چىرايلىقكەن، بۇلۇتمۇ سىزنى كۆرۈپ مۈكۈۋالغۇدەك» دېگەندەك گەپلەرگە ئاياللار بەك سەزگۈر بولۇپ، ئۇنى « چاچنى تەسۋىرى» بىلەن ئەمەس بەلكى «ئاق چاچ»، «قالايمىقان چاچ» دېگەن سۆزلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋالىدۇ.
ئاياللارنىڭ كۆپچىلكى مەدھىي سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق، ئەمما ماختاش بەك ئوچۇق بولماستىن يۇشۇرۇن بولۇشى لازىم. ياش چىرايلىق، مىجەزى ئۇچۇق ئاياللارنى «بەك چىرايلىقكەنسىز» دەپ ماختايدۇ. ئىچ مىجەز ئاياللارنى بىۋاستە ماختىماستىن بەلكى سىلىقلىق بىلەن: « سىز ناھايىتى مۇلايىم ھەم چىرايلىقكەنسىز» دېيىش كېرەك؛ بولمىسا «دۇرۇس ئەمەس»، تەنتەك دەپ قارىلىپ قالىسىز. چىرايى ئادەتتىكىدەك ئاياللارنى: « تولىمۇ سالاپەتلىك ئىكەنسىز، قاراپلا سىزنىڭ بىلىملىك، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن» دەپ ماختاشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپمۇ مەمنۇن بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى، نىكاھ ئەھۋالى ۋە مائاشى قاتارلىقلارنى سورىماستىن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقىنى، ئوقۇش تارىخى، خىزمىتى دېگەنلەرنى سوراش كېرەك. ئەگەر سىز ئۇنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز : « ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىرگە تۇرامسىز؟» دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ. قارشى تەرەپ سىزنى ياقتۇرۇپ، سىز بىلەن دوستلىشىشنى خالىسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى دەپ بېرىدۇ. دەسلەپ كۆرۈشكەندە « يولدىشىڭىز قەيەردە خىزمەت قىلىدۇ؟ ئاراڭلاردىكى ھېسىيات ياخشىمۇ؟» دېگەندەك كىشىنى بىزار قىلدىغان سۇئاللارنى سورىماسلىق لازىم.
قىزلار باشقىلارنى كەسكىن رەت قىلۋەتمەي بەلكى سۈكۈت قىلىش، دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراش ياكى ئاڭلىمىغان قىياپەتكە كىرۋېلىش قاتارلىق سىپايە ئۇسۇللار ئارقىلىق رەت قىلىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، سىز چوقۇم دەرھال پاراڭنى توختىتىڭ ياكى باشقا تېمىغا يۆتكەڭ. باشقىلارنىڭ «مېھماننى قوغلاش بۇيرۇقى» نى كۈتۈپ ئاندىن خوشلاشسىڭىز، يۈزۈڭىزنى تۆكۈۋالىسىز.