داڭلىق چولپانلار كىشىلەرنىڭ مودا ئوبېكتى، كىشىلەر ھۆسن تۈزەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندا شۇلاردەك تاشقى قىياپەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، دوختۇرغا مۇنۇ ئەزارىم ماۋۇ چولپاننىڭكىدەك بولسۇن دەيدۇ، بىر داڭلىق ھۆسۈن تۈزەش گورۇھىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى نۇرغۇن ئايال ئەنگلىيە خانىشى كەيتىنىڭكىدەك بۇرۇنغا ئېرىشىشنى خالاپ، شۇنداق شەكىلدە تۈزەتكەنلىكى، بۇ ساننىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئادەم سانىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن باشقا، زىنىقى چىرايلىق چولپان، يۈز شەكلى چىرايلىق چولپانمۇ ھۆسىن تۈزەشتە ئوبېيكتىپ قىلىدىغان نىشان بولۇپ قالغان، ئەرلەر شەكىل تۈزەتمەكچى بولسا دۇنياغا داڭلىق ھوللىۋود چولپانلىرىنى ئاساس قىلغان. دېمەك، كىشىلەرنىڭ شەكىل تۈزەش ئوپىراتسىيەسىدە چولپانلارنىڭ ئوبرازىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدىكەن.
تۈركىيە ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە بىر قەدەر ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان قىزغىن قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشىپ كەپتۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى قاراشلاردا دېيىلىشىچە، بۇرۇت بىلەن ساقال ئەرلەرنىڭ سالاپىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئاساسى ئۇقۇم.
سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا بولغان تەلىپى كۈچلۈك بولغانلىقىدىن، تۈركىيىدىكى ھۆسن تۈزەش دوختۇرلىرى بىلەن ساياھەت بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا بۇرۇت كۆچۈرىدىغان ئەرلەرگە ناھايىتى ئىنتىزار بولۇپ كېتىپتۇ. بىر دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بۇرۇت كۆچۈرۈش بىلەن ساقال كۆچۈرۈش ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە ناھايىتى مودا بولۇپتۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىدە، ساقال بىلەن بۇرۇت نورمال ئالاقىدە ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، ھەمدە ساقىلى بىلەن بۇرۇتى بولمىغان كوسا ئەرلەر ئىجتىمائىي ئالاقىدە توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. تۈركىيىدە، تەقى-تۇرقى تاقىر بولۇش ئانچە ياخشى بولغان ئىش بولۇپ ھېسابلانمايدىكەن. نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر شۇ سەۋەب تۈپەيلى بۇرۇت بىلەن ساقال كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، چۈنكى ئەگەر ئۇلاردا بۇرۇت بىلەن ساقال بولمىسا، سودا قىلىش بىلەن ھەمكارلىشىشتا ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىكەن.
ھۆسن تۈزۈش تاشقى كېسەللەر دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن بىمارلار، 2-، 3- ھەتتا 4-خوتۇنىنى ئېلىشتىن بۇرۇن، ھەممىسى بۇرۇت بىلەن ساقال كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى تەلەپ قىلىپتۇ، چۈنكى قويۇق ساقال بىلەن بۇرۇت ئەرلىك جاسارىتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەخسۇس بۇرۇت ساقال كۆچۈرىدىغان بىمارلارنى تۈركىيىگە ئاپىرىدىغان ساياھەت ئىدارىسى باشلىقىنىڭ مۆلچىرىچە، ھەر كۈنى ئەڭ كەم دېگەندە 50 ئەرەب ئىستانبۇلغا كېلىپ بۇرۇت كۆچۈرىدىكەن.