مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم
ھېكايە
قاراساي دىلشات
بۈگۈن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تېلفۇن بېرىپ چاقىرىتىشى بىلەن ،دادام ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئوقۇتقۇچۇم بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەنىدى .
دادام كەلدى ،مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ يەنە تېلفۇن قىلدى . ئوقۇتقۇچۇم تېلفۇننى ئېلىپ ئىشخانىسىغا كىرىشنى دېدى . مەن دادام بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم . كىرىشىمىزگە ئوقۇتقۇچۇم ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈپ دادام بىلەن ئەھۋال سوراشتى . بىر ئاز ۋاقىىتتىن كېيىن دادام تېلفۇن قېلېپتىلا شۇڭا دەرھال كېلىشىم بىرەر ئىش بولسا دېسىلە دەپ ئوقۇتقۇچۇمغا تىكىلدى . مەن كۆڭلۈمدە ئەمدى مېنىڭ ئىشىم چاتاق بولىدىغان بولدى ،ئوقۇتقۇچۇم چۇقۇم مېنىڭ دەرىس تاشلىغان ،كېچىككەن ،باشقىلار بىلەن جېدەللەشكەن ئىشلىرىمنى دەيدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم ،ھەم گەپمۇ قىلماي ئارقا تەرەپكە بېرىپ جىملا تۇرىۋالدىم .
ئوقۇتقۇچۇممۇ ھازىرىقى ئەھۋالىمنى چۈشەندى ،ئەتىمالىم ،ئەكسىچە مېنى ماختاپ تۇرۇپ ،ئۇئىنتايىن ياۋاش ، ئەقىللىق ،چېچەن ،دەرىس تاشلىمايدۇ،تىرىشچان ،باشقىلار بىلەن جېدەللەشمەيدۇ ،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق-دوستانە ئۆتىدۇ ، دەپ ياخشى تەرەپلىرىمنى ماختاپ بەردى . بۇسۆزلەرنە\ى ئاڭلاپ مەن ئىنتايىن خىجىل بولدۇم ، خۇددى ئۈزۈمنى ئوقۇتقۇچۇمغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم . داداممۇ بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ خاتىرجەم ھالدا ماڭا قاراپ تۇرۇپ «ئوغلۇم ،بىز دېھقان ئادەملەرمىز ،شۇڭا مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ،تىرىشىپ ياخشى ئوقۇغىن ،كەلگۈسىدە باشقىلارغا پايداڭ يەتكۈدەك ياراملىق ئادەم بول»دەپ مۆرەمگە ئۇرۇپ قويدى . ئاندىن ئوقۇتقۇچۇمغا قاراپ تۇرۇپ ، مۇئەللىم بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۆزلىرىدە ،بالامنى مۇشۇنچىلىك قىلىپ تەربىيلەپ بەرگەنلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە ئۆزلىرىگە تاپشۇرىمەن تېخىمۇ ياراملىق خۇددى ئۆزلىرىگە ئوخشاش قىلىپ تەربىيلەپ بەرگەن بولسىلا ئۆزلىرىدىن مىننەددار بولغان بولاتتىم دەپ قولىنى سىقتى ،ئوقۇتقۇچۇممۇ دادامنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ،ماڭا شۇنچىلىك ئىشەنگەنلىرىگە تەشەككۈر مەن چۇقۇم قولۇمدىن كېلىشچە تەربىيلەپ چىقىمەن دەپ ۋەدە بەردى . بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەن نېمىشقىمۇ دەرىسكە تۇلۇق قاتناشمىغاندىمەن ،نېمىشقىۇ كېچىككەندىمەن ،نېمىشقىمۇ باشقىلار بىلەن جېدەللەشكەندىمەن دەپ ئۆز -ئۆزۈمگە ئاچچىقلىنپ سۇئال قويدۇم، ھەم يىغلاپ سالغىلى تاسلا قالدىم .
دادامنىڭ مەن ئۆيگە ماڭدىم دېگەن بۇ گېپى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى . مەن دادامغا قاراپ ، ئەمسە مەن كېلەر ھەپتە ئۆيگە كىرىمەن شۇۋاقىتتا كۆرۈشەيلى دېدىم ،ئارتۇقچە گەپمۇ قىلالماي . داداممۇ ھازىرىقى ھالىتىمدىن كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىنى چۈشەندى بولغاي ، باشقا گەپمۇ قىلماي ئەمسە شۇنداق بولسۇن تامىقىڭنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يەپ تۇر ،دەرىسلەرگە تۇلۇق قاتناش ،مەن ماڭدىم دېدى .
مەنمۇ ئەمسە خۇداغا ئامانەت دېدىم كۆزۈمگە ياش يۈگۈرتكىنىمچە .
دادام ماڭدى ،مەن ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ يەنە خىيالغا پېتىپتىمەن ،خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ دىلشات دەپ چاقىرغان ئاۋازى يەنە خىيالىمنى بۇزىۋەتتى . مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئوقۇتقۇچۇمغا قارىدىم ،ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئارتۇقچە خىياللارنى قىلماي سىنىپقا كىرىپ كەت ۋاقىت توشاي دەپ قالدى ،دېدى . مەن ئوقۇتقۇچۇمغا ماقۇل دەپ ئېغىزىمنى ئاچالماي بېشىمنى ئاران لىڭشىتتىم ،ھەم سىنىپقا كىرىپ كەتتىم . كىرىپ شۇ ئولتۇرغىنىمچە ئىككى سائەت قوپماي ئولتۇرۇپ شۇ ئىشلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئىككى سائەت توشتى بالىلار ياتاققا ماڭدى ،مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز-ئۆزۈمگە ، ئەتىدىن باشلاپ يېڭىچىلا ئادەم بۇلۇپ چىقىمەن ،سەھەر تۇرۇپ بەدەن چېنىقتۇرىمەن ،دەرىسلەرگە تۇلۇق قاتنىشىمەن ،باشقىلار بىلەن جېدەللەشمەيمەن دەپ ۋەدە بېرىپ تىرىشىشقا بەل باغلىدىم . ئويلاپ كۆرسەم مېنىڭمۇ ئىرادەم خېلىلا چىڭ ئىكەن ، مانا مەن ھازىر پەقەت دەرىس تاشلىمايمەن ، ئايدا بېرەر قېتىم كېچىكىپ قالغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا قەتئي كېچىكمەيمەن . ئادەم ئۆزىگە ئىشەنسە ئۆز- ئۆزىنى كونتىرول قىلالايدىكەن ، قىلمايمەن دېگەن ئىشىدىن ، يامان ئىشلاردىن توسىيالايدىكەن . مېنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە مۇشۇنداق ھالەتكە كېلەلىشىم ،ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مەن شۇنچىلىك يامانلىق قىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا خۇشال ھالدا ياخشى تەرىپىمنى قىلىپ بەرگەنلىكى ، ماڭا بەرگەن تەربىيەسىنىڭ كۈچى ئىكەن .
مەن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچۇمدىن كۆڭۈل ئاغرىتقان ھەتتا ئىچىمدە تىللىغان ئىدىم ، بىراق ھازىر ئاشۇ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ دانا ، ياخشى تەرىپىنى تونۇشلاردىن كىملا ئۇچرىسا شۇنىڭغا قىلىپ بېرىدىغان بولدۇم .
رەھمەت ، رەھمەت سىزگە قەلبى گۈزەل مېھرى ئىسسىق جاپاكەش
باغۋەن