بىر كۈنى گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك بىر دېڭىز ياقىسىدا ئۇچرىشىپ قالدى ۋە «قېنى دېڭىزغا كېرەيلى» دېيىشتى. كېيىملىرىنى چىقىرىپ سۇدا ئۈزدى. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، رەزىللىك قىرغاققا قايتىپ، گۈزەللىكنىڭ كېيىملىرىگە ئورۇنۇپ كېتىپ قالدى. گۈزەللىكمۇ دېڭىزدىن چىقتى، ئۆزىنىڭ كېيىملىرىنى تاپالمىدى؛ يالىڭاچ قېلىشتىن خېجىل بولۇپ، چارىسىز رەزىللىكنىڭ كېيىملىرىنى كېيدى ۋە يولىغا راۋان بولدى. ئۇ كۈندىن بېرى، ئەرلەر ۋە ئاياللار گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى بىر – بىر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما ئىنسانلار ئارىسدا گۈزەللىكنىڭ يۈزىنى ئېلگىرى كۆرگەنلەر بار بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭ كېيىمىگە قارىمايلا ئۇنى تونىۋالالايدۇ؛ شۇنداقلا، ئارىمىزدا رەزىللىكنىڭ چىرايىنى بىلىدىغان كىشلەرمۇ بار بولغاچقا، كۆزلىرىگە قاراپلا ئۇنى تونۇۋالالايدۇ.
قەيسەر مۇھەممەت تەرجىمىسى