بوپمۇ ئۇ قىزنىڭ كۈلىشى ئادەمنى ئۈزىگە جەلىپ قىلاتتى .ئۇ كۈلسە ئىنتايىن چىرايلىق بۇلۇپ كىتەتتى .بىز يىڭى تۇنۇش قان بولساقمۇ ،ئۇ مىنى قەتئى يىڭى تۇنىشىدەك كۆرمەيىتتى مەن بىلەن پاراڭلاشسا خۇددى ماڭا بۇرۇنقى كونا تۇنىشىدەك تارتىنماي گەپ قىلاتتى ماڭا بولغان مۇ ئامىلىسىمۇ ئىنتايىن قىزغىن ئىدى مەنمۇ بۇ قىزنىڭ بۇ مۇ ئامىلىسىگە قاراپ مەنمۇ ئۇ قىزغا دوسلىرىمغا مۇ ئامىلە قىلغاندەك مۇ ئامىلا قىلدىم .ئۇ قىز مەندىن چاخچاق قىلىپ- سورىدى بولغاي ،سىز بۇرۇن بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باققانمۇ دەپ سورىدى ؟؟؟.شۇ سۇ ئالنى ئاڭلاش بىلەنلا ھېلىقى مەن پۈتۈن ھاياتىمنى ،ياشلىق باھارىمنى ،ئەقىيدەمنى ،پاك مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭغا بىرىپ ،ئۇنى چىن كۆڭلىمدىن سۆيگەن ،ئەمما ئۇ ماڭا يالغان ۋەدىلەرنى بىرىپ مىنى ئالداپ ،تاشلاپ كەتكەن شۇ ۋاپاسىز ،ۋىجدانسىز قىز يەنە ئىسىمگە كەلدى ۋۇ ئان كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى . شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۇ قىزنىڭ بۇ سۇ ئالىغا چاندۇر ماستىن [ياق] دەپ جاۋاپ بەردىم ،ئەمما بۇ گەپ ئېغىزىمدىن نىمىدىندۇر تىتىرەك ئارلاش چىققان ئىدى .چۈنكى مەن ئۇ ۋاپاسىز قىزنى قەلىپ خاتىرەمدىن ئۈچىرىپ تاشلىغان ئىدىم ،ئەپسۇس يەنە بۇ سۇئال بىلەن ئۇنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كەلگەن ئىدى .ئۇ قىز ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىپ قۇيۇپ ،ئەمىسە ناخشا ئېيتىيالامسىز دىدى .؟؟؟؟مەن ئۇ قىزغا شۇ ئانچە مۇنچە بىراق سىزدەك ياخشى ئېيتىيالمايمەن دىسەم .ئۇ قىز ئەمىسە ماڭا بىر ناخشا ئېيتىپ بىرىڭە دەپ تۇرىۋالدى !!!!!!!!!!!!مەنمۇ ئامالسىز بۇلۇدۇ دىگىنىمچە ،ئۇ قىز مىنى تاشلاپ كىتىپ ،ئۇ قىزدىن نەپرەتلىنىپ ئىجاد قىلغان ناخشامنى باشلىدىم
ساڭا ئۈنسىز ئىشىنىپ جانان
قالدىم مەن يالغۇز تىكەندەك
نالە پەرياد قىلىمەن يىغلاپ
جىسمىم بولدى ھۇشسىز ئۆلگەندەك
ساڭا قارىغان كۈزۈم كور بولسۇن
بۇ نالەم پەلەككە يەتسۇن
ئۇ كۈنلەرنى ئويلىماي ئەمدى
ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتسۇن
ئەي ۋاپاسىز ئالدامچى يار
مىنى قان يىغلاتتىڭ زار -زار
سەندىن كۈتكۈنىم ئارمان بولدى ماڭا
ئەسلىمەيمەن مەڭگۈ سىنى يار
ئەسلىمەيمەن مەڭگۈ سىنى يار
دەپ ناخشامنى تۈگۈتۈپ قاتتىق بىر تىنغاندىن كىيىن ئۇ قىزغا قارىدىم ،ئۇقىز مىنىڭ بۇ ناخشامنى ئاڭلاپ مىنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببەت تىراگىدىيەمنى چۈشەنگە چېغى سەۋىر قىلىڭ دىدى ،ئۇ سۆزدىن باشقا سۆزقىلمىدى .مەنمۇ باشقا سۆزقىلمىدىم .باغنى بىرگە ئايلىنىپ ھەش پەش دىگۈچە سائەت بەش -ئالتە بۇلۇپ كىتىپتۇ .مەن قايتىشنى قارار قىلىپ ئۇ قىزغا ئەمىسە مەن قايتاي دىدىم .ئۇ قىزمۇ بۇلۇدۇ ئەمىسە كەپ تۇرارسىز دەپ مىنى ئۇزۇتۇپ قويغاچ بىر تال غۇنچىسى بار ئەتىرگۈلنى سوۋغا قىلدى .مەنمۇ بۇ قىزنىڭ بۇ سوۋغىسىنى تارتىنماي قۇبۇل قىلدىم .بىكەتكە كىلىپ ئاپتۇبۇسقا چىقىتىم .مىنىڭ ئاباتتىنقى خۇشاللىقىمدىن ھازىر قىلچىلىك ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .ئۇيلۇنۇش ئەسلەش بىلەن تەڭ ئۇ قىزغا نەپرەتلەنسەممۇ ،ئۇ قىزنى ئويلىماي دىسەممۇ لىكىن ئۇ قىز بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن خۇشال كۈنلەر، رومانتىك يامغۇرلۇق كەچلەر كۆز ئالدىمغا كىلىۋالغان .كىلىۋالاتتى .شۇ ئەسلەش بىلەن ،يەنە شۇ نناخشا بىلەن يەنە ئەسلىمدىكى مىسكىن چىراي قىياپىتىمگە ،پەيتىمگە قايىتقان ئىدىم .كۈنلىرىم يەنە ئازاپلىنىش ،قايغۇرۇش بىلەن ئۆتمەكتە .ئۇ قىز بەرگەن ئەتىرگۈلنى ئىستاكانغا سۇ ئېلىپ چىلاپ قويدۇم .ئۇ گۈل بىر ھەپتىگىچە ئوبدانلا ئېچىلىپ غۇنچىسىمۇ تۇلۇق ئېچىلىپ قالدى .بۇ بىر تال ئەتىرگۈل ئەمدىلىكتە ،بىر جۈپ ئەتىرگۈلگە ئايلاندى .بۇ گۈلگە ھەر ئەتتىگىنى سۇ قۇيىمەن ،بۇ گۈلگە قارىسام ئۇ قىزنى كۆرگەندەك بۇلۇمەن .ئۇ قىز بىلەن تىزراق كۈرىشىشنى ئويلايمەن .ئۇچ سىرىمنى ،دەتلىرىمنى ،باشقىلارغا دىمىگەچ ،دەتلىرىم ئىچىمگە تۇشۇپ كەتتى .بۇ دەتلىرىمنى سىرداشقاق يېقىن ئادەمگە ئېيتىپ ئىچىمنى بۇشۇتۇشنى ئۇيلۇدۇم ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ -بۇيان ئويلاپ بۇ دەتلىرىمنى تۈكۈپ ئىچىمنىى بۇشۇتىشقا يەنىلا شۇ باغۋەننىڭ قىزىغا دىيىشنى توغرا تاپتىم ...دەم ئالمىغىلىمۇ ئىككى ئاي بۇلۇپ قاپتۇ ،دەم ئالغاچ ئۇ قىز بىلەن كۈرىشكەچ ،دەتلىرىمنى تۈكۈپ ئىچىمنى بۇشۇتۇش قارارىم بىلەن مىكەتكە كەلدىم لىكىن ئۇ يېزىغا بارىدىغان ئاپتۇبۇس كەلمەيۋاتاتتى ،بىردەم ساقلىىدىم يەنە كەلمىدى ،يەنە بىر دەم ساقلاپ باقاي دەپ تۇرسام ،بىر قىزىل تاكسى مىنىڭ يېنىمدىراق توختىدى ،