ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  ئىجادىي ئەسەرلەر

چاشقانغا ئايلانغان يۈرەك

ۋاقتى : 2010-07-26  مەنبەسى : ئىجادىي ئەسەر  يوللىغۇچى : مەمت سەمەت كۆرۈلىشى : قېتىم

چاشقانغا ئايلانغان يۈرەك

         ئىككىمىز شۇنداق خوشال ھالدا كېتىۋاتىمىز . سەن مىنىڭ بېلىگىمگە چىڭ يېپىشقان ئىدىڭ  ، سىنىڭ كۈلكەڭ تولىمۇ يېقىملىق ھەم جاراڭلىق  ئىدى ، لىكىن سەن شۇنچە يېقىملىق كۈلگەنسىرى مەن روھىم ۋە جىسمىمىنى شۇنچە ئاجىزلاۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم ، بىز تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇقتا قالدۇق ، ئەمما قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تېنەپ -تەمتىرەپ ئالغا ئىلگىرلەيتتۇق . ئەتراپمىزدا ھچكىم كۆرۈنمەيتىتى ،يېراققىتىن بىر ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى ، شۇ دەقىقە سەن  ئاۋاز تەرەپكە مېڭىشنى ئېييتىڭ ، ئەمما مېنىڭ  بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغانسىرى بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىۋاتاتتى  ،.

         ئىت قاۋىغان ئاۋازى بارغانسىرى يېقىنلاشتى ، ئاخىرى شۇ ئاۋاز تەرەپكە يۈزلەنمەي ،  زۇلمەت كوچىدىن چىقىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمىدى ، ئاخىرى مەنمۇ شۇ تەرەپكە قاراپ يۈزلەندىم ، ئەمما بۇ چاغدا ھلىقى غالجىر ئىت ئاللىقاچان بىزگە  يېقىنلاپ بولغان ئىكەن ، ئىت ماڭا قاراپ ئېتىلدى ، مەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ كانىيىگە ئېسىلدىم ، ئەمما ئۇ چاققان كېلىپ مىنىڭ يۈرۈگۈمگە چىشىنى پاتتۇرۇپ بولدى ، قانچىلىك ۋاقىت ئېلىشقىنىمىزنى بىلمىدىم  ،  تۇيۇقسىز كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يەرگە يىقىلدىم ، شۇ تاپتا  يۈرۈگۈم سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك بولدى ، قارىسام غالجىر ئىت يۈرۈگۈمنى سۇغۇرۇپ تاشلاپتۇ .

         ئاخىرقى دەقىقىدە مەن يەنىلا سېنى ئويلىدىم ، غالجىر ئىتتىن قانداق قۇتۇلدۇرارمەن دەپ ئويلىدىم ، لىكىن   سەن تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتىڭ ، مەن تولىمۇ ھەيران قالدىم ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى غالجىر ئىت  ئادەم سىياقىغا كىرىپ قالدى دە - مەنسىتمەسلىك نەزەرىدە كۈلگىنىچە- سېنى قولتۇقلاپ ماڭدى ، سىلەرنىڭ كۈلكەڭلار بارغانسىرى يېراقلاشماقتا ئىدى .

        مەن تولىمۇ ھالسىزلاندىم ،ئەمما ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ يەنىلا سېنى  ئاخىرقى قېتىم كۆرۈش ئىستىگى كۈچلۈك كەلدى ، بىراق شۇنچە قىلساممۇ سېنى كۆرەلمىدىم ، چۈنكى ھېلىقى غالجىر ئىت سۇغۇرىۋاتكەن يۈرۈگۈم چاشقانغا ئايلىنىپ ئىككى كۆزۈمنى ، روھىمنى غاجاپ بولغان ئىكەن .

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا