ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  ئىجادىي ئەسەرلەر

مۇھىت بىزنىڭ جىنىمىز

ۋاقتى : 2010-08-15  مەنبەسى : ئىجادى ماقالە  يوللىغۇچى : ئادىل جان كۆرۈلىشى : قېتىم

 مۇھىت بىزنىڭ جىنىمىز

 

مۇھىتوغرىسىدا گەپ بولسا كۆپىنچە كىشىلەر بىز ھەر ۋاقىت نەپەس ئالىدىغان ھاۋانى يادىغا ئالىدۇ. ئەمما مۇھىت بۇ بىر كەڭ مەنىدىكى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار ياشاۋاتقان شۇ بوشلۇقتىكى ھاۋا،سۇ ،تۇپراق، يىشىللىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر بىز ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق؟ بىز مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كىرەك دىگەن مەسىلە ھەربىرىمىز ئەستايىل ئويلىنىشقا ،ئىزدىنشكە ھەم بۇ جەھەتتە مەسئۇلىيتىمىزنى كۆپرەك ئادا قىلىشقا توغرا كىلىدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر. مۇھىت بىز ھەربىرىمىزنىڭ جانىجان مەنپەتىمىز بىلەن ،كەلگۈسى ئەۋلالىرىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، شۇڭا مۇھىت ئاسراشتا ئۆزىمىزدىن ،ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلادىن باشلىشىمىز كىرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تۇرمۇشتا ئېنېرگىيە تېجەشىنى ئۈگۈنىشىمىز، سۇ،توكنى تېجەپ ئىشلىتىشىمىز،تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تاشلىشىمىز،يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتلىق تۇرمۇش بويۇملىرنى ئامالىنىڭ بارىچە ئىشلەتمەسلىكىمىز كىرەك. لىكىن ئەتراپىىزغا قاراپ باقساق، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ ئىسراپخورلۇق قىلىدىغان ئەھۋاللار ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ،مەسىلەن ئىيتساق بەزى باي ئائىللەردە ئىككى ئۈچ ماشىنا بار، بەزىلەر سۇنى خۇددى مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان بايلىققا ئوخشاش ئىسراپ قىلىدۇ،شۇنداق چىرايلىق ئورمانلارغا قاتتىق شەكىلىدىكى مۇھىت بۇلغىغۇچى ئەخلەتلەرنى تاشلايدۇ، يەنە بەزىلەر كىچىك باللىرىغا ئۈلگە بولماقتا يۇق ئۇلرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ،مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەركەتلەرنى قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەمىسى ئاۋۋال ئۆزىگە،ئۆز قەدىر-قىممىتىگە،ئەۋلاتلىرىغا مەسئۇل بولمىغانلىق، ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك بۇرچىنى ،مەسئۇلىيتىنى ئۇنۇتقانلىق بولىدۇ. توغرا ،ياراتقۇچى بىزگە بەھرىلەنسۇن دەپ نۇرغۇن مەئىشەت ۋە بايلىقلارنى ئىنئام قىلغان، لىكىن يەنە شۇنى ئۇنۇتماسلىق كىرەككى،ئەشۇ بايلىقلارنى ۋە نمەتلەرنى ئىسراپ قىلماسلىقنى قەدىرلەشنى بىزگە جكلىگەن،ئاللا ئىسراپخورلارنى يامان كۆرىدۇ،بۇ يالغۇز يىمەك-ئىچمەككىلا قارتىلغان بولماستىن جەمىيەتتىكى بىر بۆلۈك جامائەت پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلسىمۇ ئوخشاشلا گۇناھ بولىدۇ، شۇڭا ئەي تۇرمۇش يولىدا،مۇۋاپىقيەت يولىدا تىنماي ئىزدىنۋاتقان دوسىتلار، بىز يالغۇز تۇرمۇشمىزنى ماددى جەھەتتىن باياشات قىلىشنىلا ئويلىماي ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلەيلى، ھايۋاناتلارنى قوغدايلى، ئۆسۈملۈك جانللىقلارنى ئاسرايلى،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئازراق ياشاش بوشلۇقى قالدۇرۇش ھەم ئىنسانىيلىق ھەم ساۋاپ ئىش بولۇپ،ئۇنىڭ ئەجرىمىزگە تۇشلۇق نەتىجىسى بولىدۇ. كەلگۈسى ئەۋلاتلار بىزنىڭ ھايات رشتىمىزنى ئۇلايدىغان كۆۋرۈك، ئۇلار بىزنىڭ جان تومۇرىمىز، مۇھىتمىزنى ئاسرىغانلىق پەرزەنتلىرمىزنى ئاسرىغانلىقتۇر. ۇڭا مۇھىتنى كۆزقارچۇغۇمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجۇرىيتىمىز. مۇھىت بىزنىڭ جىنىمىز،ھايۋاناتلار بىزنىڭ دوستىمىز،گۈل-گىياھ ،دەل-دەرەخلەر بىزنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىمىز.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا