چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كاشغەرنى سورىغان لۈكچۈن، ئاقسۇ __ كۇچا ۋاڭلىرى
ۋاقتى : 2010-08-21 مەنبەسى : ئابلا ئەھمىدى يازمىلىرىدىن يوللىغۇچى : ياپراق
كۆرۈلىشى : قېتىم
مۇئەللىپتىنچىڭ سۇلالىسىنىڭ«ئاسىيلارنى تىنجىتىش قوشۇنى» نىڭ لۈكچۈن (تۇرپان) ۋاڭى ئىمىن خوجا، قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ تارخانبەگ، كۇچا ھاكىمى مىرزا ھېدىي، باي ھاكىمى گاداي مۇھەممەت، ئۈچتۇرپان ھاكىمى خوجەسى بەگ قاتارلىق يەرلىك مۆتىبەرلەرنىڭ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ زىچ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە، 1759- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى كاشغەر شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقى __ پۈتۈن شىنجاڭدا «خوجىلار دەۋرى» ئاخىرلىشىپ، «مەنچىڭ دەۋرى» باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى ۋە بۇ دەۋر1911- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى سۈن جۇڭسەن رەھبەرلىكىدىكى «جۇڭخۇا مىنگو» قۇرۇلغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىنىپ يەتتە ئايدىن كېيىن ئاخىرلاشتى، يەنى شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى يۈەنداخۇا 1912- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى «مىنگو» نى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېيجىڭگە تېلېگىرامما يوللاپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىدى. 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئىستىپاسىنى تەستىقلىدى ۋە كاشغەردە داۋتەي (دوتەي) بولۇپ تۇرغان يۈەن خۇڭيۇنى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا بۇيرۇدى. بىراق ئۇ سەپەر تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا (5- ئاينىڭ 7- كۈنى)، كاشغەردىكى «گېلاۋخۇي» چىلار ئۇنى خوتۇنى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ قاتاردا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى تاڭ ديەنفېڭ، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ شيەنگۈەنى جاڭ بىڭدې قاتارلىقلارمۇ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، ياڭ زېڭشىڭ شىنجاڭنىڭ تۇتۇقلىقىغا، ۋاڭ شۆزېڭ كاشغەرنىڭ دوتەيلىكىگە، جۇ جژدې كاشغەر كوناشەھەرنىڭ شيەنگۈەنلىكىگە تەيىنلىنىپ، كاشغەردە (ئەينى چاغدا خوتەننىڭ ھەممە ناھىيىلىرى كاشغەر دوتىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى) «مىنگو دەۋرى» باشلاندى. مۇنداقچە ئېيتساق، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىنى 153 يىل ئىدارە قىلدى. مۇشۇ يىللاردا يۈز بەرگەن بىرقەدەر چوڭراق ۋەقەلەر، ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشلەر... يۇرتىمىز تارىخىغا دائىر كىتابلاردا خېلى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان بولسىمۇ، شۇ يىللاردا مانجۇ __ خەنزۇ ئامبان __ دارېنلارغا ماسلىشىپ يۇرت سورىغان يەرلىك مۆتىبەرلەرنىڭ ئەمەلىي قىلغان ئىشلىرى، بولۇپمۇ «شىنجاڭنىڭ يۈرىكى» سانالغان كاشغەرنى سورىغان يەرلىك مۆتىبەرلەردىن كىمنىڭ قاچاندىن قاچانغىچە ھوقۇق تۇتقانلىقى ئۇ كىتابلاردا چېچىلاڭغۇ ھالەتتە ئانچە __ مۇنچە كۆزگە چېلىقسىمۇ، مۇتلەق كۆپچىلىك ئوقۇرمەن زوھۇرىددىن ھاكىمبەگدىن باشقىلارنىڭ يۇرتى، نەسەبى، تەرجىمىھالى، ھۆكۈمرالىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتى ۋە بۇ جەرياندا قىلغان ئمەلىي ئىشلىرى... بىلەن ئاساسەن تونۇش ئەمەس ئىدى. ئۇلارغا ياندىشىپ ئىشلىگەن مانجۇ __ خەنزۇ ئامبان دار ېنلارنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭا مەن مۇشۇ يىللاردا مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەپ، يۇرتىمىز تارىخىدا ئۆزگىچە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان ئىمىن خوجا،يۈسۈپ تارخانبەگ، مىرزا ھېدىي، خوجەسى بەگ، گاداي مۇھەممەت ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مۇساگۇڭ، مىرزا ئوسمان بەيسى بېگىم، ئىسكەندەرۋاڭ، مۇھەممەت يۇنۇس ۋاڭ، مىرزا ئىسھاق (ئىزاق) جۈنۋاڭ، مۇھەممەتسىيىتۋاڭ، زوھۇرىددىن ھاكىمبەگ، ئابدۇسەمەت ھاكىمبەگ، مىرزا ئەھمەت ۋاڭبېگىم، قۇتلۇق تاجى ھاكىمبەگ، مىرزا ھامىت تاجى ھاكىمبەگ قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، يۆتكەلگەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋاپات بولغان ۋاقتى؛ ئۇلار ھوقۇق تۇتقان يىللاردا يۈز بەرگەن بىرقەدەر چوڭراق ۋەقەلەر بىلەن يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئەينەن قەلەمگە ئېلىش بىلەن بىر چاغدا، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغان مانجۇ __ خەنزۇ ئىش بېجىرگۈچى ئامبان (چېنچەي داچېن)، مەسلىھەتچى ئامبان (سەنزەن داچېن)، باشبۇغ (تىتەي)، چېرىكچى ئامبان، داۋتەي (دوتەي)، شيەنگۈەنلەردىن قىرق نەچچە كىشىنىڭ ئېتى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قىلىنغان ئىشلارنىمۇ يىل، ئاي، كۈنى بىلەن ئەينەن قەلەمگە ئالدىم. چۈنكى «ئىسلاھات __ ئېچىۋېتىش» تىن كېيىن تۈزۈلۈپ، كەينى __ كەينىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخى، يۇرتىمىز تارىخىغا دائىر كىتابلاردا يەرلىك مۆتىبەرلەرنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئوينىغان رولى، ئۇلۇغ تۆھپىلىرىگە خېلى كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولسىمۇ، غەلىبىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جايلاردا ھوقۇق تۇتۇپ، غەلىبە مېۋىسىنى قوغداش، بولۇپمۇ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇزۇن يىللار پۇت تىرەپ تۇرغۇزۇش يولىدا كۆرسەتكەن ئەمەلىي تىرىشچانلىقلىرى ۋە شۇ جايلاردا قالدۇرغان ئىزلىرى ئاساسەن تىلغا ئېىنمىغان ياكى سەللا پۇرىتىپ ئۆتۈپ كېتىلگەن. بۇ ئەۋالنى سەزگەن بەزى يەرلىك قەلەمكەشلەر ئۇ كىتابلاردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاشۇ مۆتىبەرلەرگە تەرجىمىھال تىكلەش ئارقىلىق «تارىخنى تارىخقا ئۇلاش» مەقسىتىدە ماقالە، ھەتتا كىتاب يازدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى يەرلىك تەزكىرىلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بولسا، بەزىسى ئاغزاكىي مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولغاچ، «قىسقىچە تەرجىمىھال» شەكلىنى ئالدى. شۇ دەۋرگە ئائىت تارىخىي تىمىلاردا قەلەم تەۋرەتكەن ئەدىبلەرنىڭ بەزىسى يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى يازسا، بەزىسى سەلبىي تەرەپلىرىنىلا يازدى. مانجۇ __ خەنزۇ ئامبان __ دارېنلارنىڭ ئېتىنى «ۋاڭ دارېن، ياڭ دارېن» دەپ يېزىپلا قالماي، ئون- يىگىرمە يىللاپ بىر يۇرتنى سورىغان يەرلىك ھۆكۈمرانغا بىرلا ئامبان- دارېننى چېتىپ قويۇپ، تارىخىي چىنلىقتىن زور دەرىجىدە چەتنىدى، يەنى بىر يەرلىك ھۆكۈمران تەختتىن چۈشكىچە، نەچچە ئامبان- دارېننىڭ ئالدى نەچچە يىل، ئايىغى نەچچە ئاي ئىشلەپلا ئۆلكە باشلىقلىقى، ھەتتا مەركەزدىكى مۇھىم تارماقلارنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى ۋە ئەينى چاغدا، يۇرتىمىزنىڭ مانجۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىغان «ئىمتىھان مەيدانى» مۇ بولغانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى يوققا چىقاردى. مۇشۇنداق سەۋەنلىكلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقىغا پايدىسى تېگەر دىگەن نىيەتتە، بۇ كىتابنى «يىلنامە» شەكلىدە تۈزۈشكە تىرىشتىم. چۈنكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشى- ئالدىنقىلارنىڭ بايانلىرىنى ئەينەن تەكرارلاپ كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى توغرىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قىلىش. بۇ كىتابتا قەلەمگە ئېلىنغان تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى، يىلنامىلار پۈتۈنلەي ھەممىگە تونۇش قانۇنلۇق نەشىر بويۇملىرىدىن تاللاپ تېرىۋېلىنىپ «ساۋات» شەكلىدە قېلىپلاشتۇرۇلغان. شۇڭا ئۇ نەشىر بويۇملىرىدا ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بەزى نۇقتىلار ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەندە «قىياسىمچە»، «مۇمكىن»، «بولسا كېرەك» دەپ ئىزاھات قوشۇپ قويدۇم. ئوخشاش بىر ۋەقە ئوخشاشمىغان يازمىلاردا ئىككى خىل قەلەمگە ئېلىنغان بولسا، ھەر ئىككىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ، قايسى مەلۇماتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئالىم- تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىختىيارىغا قويدۇم. مەسىلەن:«1877- يىلى (گۇاشۈ 3- يىلى) 5- ئاينىڭ 29- كۈنى، ياقۇپ بەگ كورلىدا ئۆلۈپ كەتتى.» ۋاڭ شىياڭ («قەشقەر تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى» 163- بەتتىن).«بۇ چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەندە (ياقۇپ بەگ ئۆلتۈرۈلگەندە __ ئاپتور)، تارىخ ھىجرىيەنىڭ بىرمىڭ ئىككى يۈز توقسان تۆتىنچى يىلى سەرەتان پەسلى ماھى رەببىئۇسساننىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى (مىلادىيە 1877- يىلى باھار پەسلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى __ت) ئىدى.» («تارىخىي ھەمىدى» 490- بەتتىن). بۇ ئىككى مەلۇماتتا توپتوغرا بىر ئاي پەرق بار... بۇرھانىددىن خوجىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئېتى «خان خوجا» ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ، موللا مۇسا سايرامى ئۇلارنى بىر كىشى، يەنى «خان خوجا» نى بۇرھانىددىن خوجىنىڭ «لەقەب» ى قىلىپ قويغان. باشقا كىتابلاردا ئۇنىڭ ئېتى ھەرخىل يېزىلىپلا قالماي، «خوجا جاھان» بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن. شۇڭا كىتابنىڭ ئاخىرىغا «ئىزاھلار» دەپ بىر ماۋزۇ قوشۇپ، مەخسۇس مۇشۇنداق مۈجمەللىكلەرنى بىربىرلەپ كۆرسىتىپ، «توغرا- خاتا» نى ئايرىشقا ئاساس بولغان نەشىر بويۇملىرىنىڭ نامىنى، ھەتتا بەزىسىنىڭ بەت نومۇرىنى ئەسكەرتتىم.بۇ كىتاب مېنىڭ يۇرتىمىز تارىخىنى ئۆگىنىشتىن ئالغان قىسقىچە تەسىراتىم، ئوردا ئارخىپلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان تارىخ كىتابلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈزگەن «يىلنامە» خاراكتىرلىك پايدىلىنىش ماتىرىيالى. شۇنداقلا بەزى ئوبزور، تەزكىرە خاراكتىرلىك ماقالىلارغا يېزىلغان ئېنىقلىما ياكى تولۇقلىمىدىن ئىبارەت. چۈنكى تارىخ __ ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئىخچاملاشقان سۈرىتى. گەرچە «تارىخنى ئەمگەكچى خەلق ياراتقان» بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھۆكۈمرانلارنىڭ شەجەرىسى، مەھكۇملارنىڭ كۆز يېشى ۋە قان- تەرى بەدىلىگە پۈتكەن ئابىدە. شۇنداق ئىكەن، تارىخىي شەخسلەرنىڭ نامى ۋە ئىش ئىزلىرىنى بىلىش __ يۇرتىمىزنىڭ بىر مەزگىللىك تارىخىنى بىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەقەللىي زۆرۈرىيەت. شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېتىنى قەلەمگە ئېلىشتا «تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق كىلاسسىك يازمىلارنى؛ مانجۇ- خەنزۇ ئامبان- دارىنلارنىڭ ئېتىنى خەنزۇ تارىخچىلار قەلەمگە ئالغاننى ئاساس قىلدىم. قەشقەرشەھىرىنىڭ نامى «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق كىلاسسىك يازمىلار، ۋەسىيقىلەر، ۋىۋىسكىلار،ھۆكۈمەت تامغىلىرى، نەشىر بويۇملىرى («كاشغەرشەھىرى»، «كاشغەر شىنجاڭ گېزىتى» دىگەندەك) دا تاكى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە «قەشقەر» دىيىلمىگەن. مەنمۇ ئەينى چاغدىكى يېزىلىشىنى ئاساس قىلىپ «كاشغەر» نى قوللاندىم («ئارتۇچ، ياركەنت» مۇ شۇنداق). 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن كېيىنكى نەشىر بۇيۇملىرىنى تىلغا ئالغاندا «قەشقەر» نى قوللاندىم...ماتىرىياللارنىڭ ئازلىقى، بىلىمىمنىڭ كەمتۈكلىكى تۈپەيلىدىن، ئانداق- مۇنداق خاتالارغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن، ئىشىنىمەنكى، ئالىم- تەتقىقاتچىلار چوقۇم توغرا يەكۈن چىقىرىدۇ! 2009- يىل 2- ئاينىڭ 20- كۈنى پاختەكلى— يۇقارقى قاقۇللا
داۋامى بار