ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلىرىم ، ياخشىمۇ سىلەر ، ھەممىگە قادىر ئاللا ئىگەم ھەممىمىزگە ساپ ئىتقاد ، تىنىچ ئامانلىق ، شەرمى - ھايالىق بەخىتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغاي ، لەنتى شەيتان ئازدۇرغان پەس كۇڭلىمىزگە ئىنساپ ، ھىدايەت ئاتا قىلغاي ، ياخشى - ياماننى ، ھەق - ناھەقنى ئايرىيالماي يۇرگەن ، بىر - بىرسىنىڭ بەختىگە چاڭ سىلىپ ، ۋىجدان - غۇرۇرىدىن ئايرىلغان ئەسلى ، نەسلى پاك قىرىنداشلىرىمغا ۋە شۇ مەندەك ئاجىز بىر بەندىسىگە ئىشەنىچ ئەقىل ، كۈچ - قۇۋۋەت ، جاسارەت ، ئىشلىرىغا غەلبە - ئۇتۇق يار قىلغاي .ۋىجدانلىق كۆيۇمچان ، ۋاپادار ، ئىشەنچىلىك دۇسىتلارنى ( سىلەردەك ) بىر - بىرسىمىزگە مەڭگۇ يار - يۇلەك بولۇشقا نىسىپ قىلغاي .
ھەممە ئۇچقاندەك شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان ،ھاياتىمىز كەسكىن رىقابەتكە تولغان ، ھەممە نەرسە ئىقتىسادقا باغلىنىپ قىلىۋاتقان ، تىرىشساقلا ، ئىشەنىچ قىلالساقلا تۇرمۇشتا ياخشى بىر چىقىش يولى تىپىلىدىغان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىز يەنىلا ئىغىلىنى تاپالمىغان ئۇرۇق قۇيدەك تەمتىرەپ يۇرىۋاتىمىز . بىر - بىرسىمىزنى كۆرەلمەيۋاتمىز ، ئۇنى بۇنىڭغا ، بۇنى ئۇنىڭغا چىقىپ ، قىلغان ئىشلىرىنى بىر مۇچەنگە ئالغۇسىز قىلىۋىتىپ قىلغان ئىشىمىزدىن پەخىرلىنىپ يۇرۋاتىمىز ، ھەممىمىزنىڭ ئىڭىدا پەقەت شەخسىيەتچىلىكتىن باشقا نەرسە يۇق . ھەممە ئىشتا پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئۇيلايدىغان بولۇپ كەتتۇق .باشقىلارغا بىكاردىن بىكارغا ياردەم بىردىغان ئىشلار قالمىدى ، ھەتتا خۇلۇم - خۇشنىلارنىڭ ئۈيىدە ئۆلۇم - يىتىم ئىشلىرى بولۇپ قالسىمۇ قىلچە خىجىل بولماستىن ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرىۋىرمىز. شۇ ئۆلۇمنىڭمۇ بىر كۆنلەردە بىزگىمۇ كىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتىمىز . بەزىلىرىمىز ئاخشىمى ھاراقنى بۇلشىغا ئىچىپ ، مەسىت بولۇپ،شۇ كىچىسى ياكى ئەتىسى بىرەر توي- تۆكۇن ، ئۆلۇم - يىتىم ئىشلىرىغا يەنە شۇ مەسىت پىتى ياكى ھاراق پۇراپ قاتنىشىۋاتىمز ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ياكى بىر - تۇققان قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۇم يىتىم ئىشلىرىغا ھاراق سۇرۇندىنلا مەسىت ، چالا كەيىپ پىتى قاتنىشىۋاتقانلارمۇ بار . قىسقىسى بىز مىھىر - مۇھەببەت ، ۋىجدان غۇرۇر ، شەرمى - ھايا دىگەنلەردىن يىراقلىشىۋاتىمىز ، نومۇس ، گۇزەل ئەخلاق دىگەنلەرنى يۇقىتىپ قۇيۇۋاتىمىز . راس گەپنى دىسەم بىزدە پەقەت قۇرۇق شۇئار ، پو گەپلا بار ، ئەملىيىتمىز يۇق . ئىناق ، ئىتىپاقلىق يۇق ، بىر - بىرىسىمىزغا چىن دىلىمىزدىن كۆيۇنۇشنى پەقەتلا ئۇيلىمايمىز ، ئازراق پايدا مەنپەئەت بەرسە ھەممىدىن كىچىمىز . قىز ئاياللارنىغۇ ماختاپ ئۇچۇرۇپ كۆككە كۇتۇرىمىز ، ئانا دىگەن ئۇلۇغ ، دادا دىگەن مىنىڭ يۇلەنچۇگۇم دىگەن گەپنى ھىچقايسىمىز ئىغىزىمىزدىن چۇشۇرمەيمىز. لىكىن ئۇلارنى ئەملىيەتتە ھۆرمەتلىمەيمىز، ئۇلارنى زار - زار قاقشىتىمىز ، ھەتتا تىخى ئۇلارنى ئۇرۇپمۇ قۇيىمىز. ( سىزدىن شۇنى تۇۋەنچىلىك بىلەن ئۇتۇنىمەنكى ناۋادا سىز مىنىڭ مۇشۇ يازغانلىرىمنى ئۇقۇپ قالسىڭىز ، سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىز بولۇپ قالسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە دەرھال ئاتا - ئانىڭىزنىڭ پەقەت ئايىغنىڭ ( كەشىنىڭ ) يىرتىلغان - يىرتىلمىغانلىقىغا ، كۇنا - يىڭىلىقىغا قاراپ بىقىڭ ، ۋىجدانىڭىز بولسىلا ئاتا- ئانىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى چۈشىنەلەيسىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىن نىمە قىلىش كىرە كلىكىگىزنى بىلەلەيسىز ) . يەنە شۇ بىز كوچىلاردا قىزلارنى ، ئاياللارنى كۆرگەندە - ! - قارا ئاۋۇ قىزنىڭ مەيدىسى ئۇچۇق ئىكەن ، - ! - ماۋۇ قىزنىڭ يۇتىسى ئىچىلىپ قاپتۇ - ! - ئانىڭ كىيۋالغان كۆڭلىكىنى ، نىمە دىگەن تار ، تاس قاپتۇچىقىپ قالغىلى ، كۆرۇنۇپ قاپتۇ ،ئاشۇمۇ بىزنىڭ قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ ، نىمە بوپ كىتىپ باردىغاندۇ بۇ خۇتۇن - قىزلاردىيەلەيمىز ، ئۇلارغا ھىجىيىپ ، قاش ئىتىپ ماز چاقچاقلارنى قىلىمىز ، ئۇلاردىن نۇمۇس قىلىمىز. تىخى ئۆزىمىزنىڭ ئانىسىغا 5 يىۇەن خەجلەپ بىرەر پايپاق ئىلىپ بىرىشكە قارنىمىز ئاغرىيدۇيۇ زاڭلىق قىلغان ، مازاق قىلغان ئاشۇ قىزلارغا يانچۇقتا بارىنى ئاتىۋىتىمىز . قەرىز ھىساۋىدا ئۇلارنى مىھمان قىلىشلىرىمىزمۇ بار تىخى . لىكىن مەن ۋىجدانىنىم غۇرۇرىم بىلەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى بىز بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە ئۇخشاش ئۆزلىرىمىزنىڭ ھەقىقى بىر ئەرلەرگە خاس سالاپىتىمىز، سۆپتىمىز بىلەن ئۇلارنى ئۆزىمىزگە قايىل قىلالمىدۇق ۋە ئۇلارنى يامان يولدىن تۇسمىدۇق ،ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن ئەيمەندۈرەلمىدۇق . بىز شۇنداق قىلالىغان بۇلساق ئىدى بىز نۇمۇس قىلغان ئاشۇ بىچارىلارمۇ تۇرمۇشىمىزدا پەيدا بۇلمايتى . شۇ بەزى قىز ئاياللىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ پۇتكۇل ئىنسانيەتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىگىنى ، جەمئىيەتنىڭ ، مىللەتنىڭ كىلەچىگى ئىكەنلىگىنى ، ئاجىز بىر قىز ئاياللىقىنى ئۇنتۇپ ، شۇ بەزى بىر ۋىجدانسىز ، ئەقىلسىز ئۇغۇللاردىن سۇرۇن ، ھاراق شاراپ تالىشىپ ، شۇلارنىڭ ھىلە - مىكىرلىرىگە ، شىرىن - شىكەر گەپ سۇزلىرىگە ئالدىنىپ ، بىر دەملىك خۇشاللىقنى دەپ قىسقىسى شەيتاننىڭ قۇلى بۇلۇپ ئۆزلىرىنى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ، دۇسىتلىرىنىڭ ئالدىدا ۋە جەمئىيەتتە پەس ئۇرۇنغا چۇشۇرۇپ قۇيىشىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنڭ قىممىتىنى بىلەلمەي جاھان دىگەن مۇشۇ دەپ ، ياشلىقىنى ، ھاياتىنى قەدىرلىمەي، ئۇيۇن - تاماششىغا قانماي ، جاھان دىگەن مۇشۇ دەپ ياشاۋاتىدۇ ، ئاتا - ئانىلىرىدىن ، ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن ، دۇسىتلىرىدىن ، ساۋاقداشلىرىدىن قىلچە تەپ تارىتماي ئۆزلىرىنىڭمۇ ، ئۇلارنىڭمۇ يۇزىنى تۆكىۋاتىدۇ . يىغىنچاقلىغاندا جاھان دىگەن بۇ ئەمەس ، بىزتاماق يىسەكلا ، كىيىم كىيسەكلا ، ئۆرە ماڭساقلا ئادەم ھىساپلانمايمىز . ھايۋانلارمۇ بىر نەرسە يەيدىغۇ ، ھايۋانلارمۇ ئۆرە ماڭالايدىغۇ ، ھايۋانلارغىمۇ كىيىم كىيدۇرۇپ قۇيساق شۇلارغىمۇ يارشىدىغۇ . لىكن ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇشىغا سەپسىلىپ قاراپ باقساق ئۇلاردىمۇ مىھىر - مۇھەببەت بار ، ئۇلاردىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق غۇرۇر بار ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قەۋىم - قىرىنداشلىرىنى قۇغدايدۇ . لىكىن بىز ھايۋان ئەمەستە ، ئاللا بىزنى ئۇلاردىن پەرىقلەندۇرۇپ ياراتقان ، بىزنىڭ بەزى قىلىقلىرىمىز ، ئىش ھەركەتلىرىمىز ئۇلاردىن بىسىپ چۇشسە چۇشىدۇكى ھەرگىز كەم قالمايدۇ . خۇش ئەمدى ئاخىردا سىلەرگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى دىگۇم كىلىدۇكى - مەيلى قەيەردە بۇلىلى ھىچقانداق يەردە ئاسان ئىش يۇققۇ . ياشىۋالدىم ، ئىتىۋالدىم ، قىلىۋالدىم ، ئۇينىۋالدىم دىگەن بىلەن بەرىبىر ھەممە نەرسىنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسى بولغاندەك ( بىز بىرەرسىگە 100 يىۇەن بىرىپ تۇرساق ئۇنى چۇقۇم قايتۇرۋالمىزغۇ... ) بۇ دۇنيادا چۇقۇم ۋىجدان ئازابى ۋە ئۇ دۇنيادا سۇئال - سۇرىقى بۇلىدۇ . مىنىڭ يىشى كىچىك ، شۇنداق ئەقىللىق ، زىرەك ، ئۆتكۇر بىلىملىك ، ئىشلاردا كەسكىن مەن بىلەن شۇنداق بەك يىقىن بىر دۇستۇم قىرىندىشىم بار ، داۋاملىق بەزى بىر ئىشلارغا - بۇپتىلا ، بۇلدى قىلىۋىتەي - دىگەننى ئاغزىدىن چۇشۇرمەيىتتى ( ھازىر ئۆزگەرىتتى ) لىكىن ئۇيلاپ باقساق ھەرقانداق ئىشلارنى بۇلدى قىلىۋەتكىلى بۇلمايدۇ . ھازىرمۇ كىچىكمەيمىز ، شۇ گۇناھ ئىشلارنى قىلماقچى بۇلغان بۇلساق قىلمايلى ، قىلغان بۇلساق تۇۋبە قىلساق بۇلىدۇغۇ ، لىكىن تەكرارلاۋەرسەك ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىمىز بىلىمىز ياخشى بۇلمايدۇ . يامان ئىشلارنى تەكرارلاۋىرىش ھالاكەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
ھايۋاننىڭ زىننىتى پارقىراق مۇيى .
ئادەمنىڭ زىننىتى پەزىلەت خۇيى .
ئەخلاقسىز ئادەملەر خۇددى ھايۋاندۇر.
پۈتۇنلەي ئادەمچە بۇلسىمۇ بۇيى .
مەغلۇپ بولۇش نۇرمال ئىش ، چۆشكۇنلىشىش نۇمۇسسىسزلىق ، مەغلۇبىيەتنى قايتا تەكرارلاش ئاپەتتۇر .
ئاللاغا ئامانەت .