ئايالسىز ئەر ھايات چۆلىدىكى، ئەرسىز ئايال ھاياتنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق دالاسىدىكى تەنھا يولۇچى؛ ئىناق ئەر - خوتۇن ــ چىمەنلىكتىكى بىر - بىرىگە يار- يۆلەك سەپەرداش.
ياش ئايال پۇتبول، ئوتتۇرا ياش ئايال ۋاسكېتبول، ياشانغان ئايال تىكتاپ.
ئەرلەر مەسئۇلىيەتسىز جەمئىيەتتە تۇل ئايال، پاھىشىلەر كۆپىيىدۇ؛ ئاياللار مەسئۇلىيەتسىز جەمئىيەتتە ئىلىم - ھۈنەرسىز ئوغۇللار، سەرگەردان بالىلار كۆپىيىدۇ.
ئىككى - ئۈچ ئايال بىر يەرگە كەلسە، كىيىمنىڭ گېپى، ئىككى - ئۈچ ئەر بىر يەرگە كەلسە، ئايالنىڭ گېپى. دېمەك، ئاياللار ئۈمىدىنى كىيىمگە، ئەرلەر ئۈمىدىنى ئاياللارغا باغلىغاندەك قىلىدۇ.
ئۆزىنى يوقاتقان ئاياللار پۇراپ قالغان گۆشكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا قونىدىغان چىۋىن شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ئەر كىشى غۇرۇر بىلەن، ئايال كىشى ئىپپەت بىلەن ئادەمدۇر.
خوتۇن كىشى بارلىق ئاجىزلىق ۋە ئىللەتنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.
ئاياللار ئادەملەرنى بىر - بىرىگە دۈشمەن قىلىشقا ئۇستا قوۋمدۇر.
ئەرلەرنى كۆزگە ئىلماي گىدىيىپ يۈرىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى، بىرى چىرايى ۋە قەددى - قامىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلار؛ يەنە بىرى مال - دۇنيا ۋە ھوقۇقىدىن پەخىرلىنىدىغانلار؛ ئۈچىنچىسى ئەرلەرنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ھەم ھېسسىياتىدىن گۇمانلىنىدىغانلاردۇر.