ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  خانىم - قىزلار

بويىنىڭ ئېگىز بولۇشى ئاياللاردا راك كېسىلى خەۋىپىنى يۇقىرىلىتىدۇ

ۋاقتى : 2011-07-31  مەنبەسى : دەۋر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

                                               بويىنىڭ ئېگىز بولۇشى ئاياللاردا راك كېسىلى خەۋىپىنى يۇقىرىلىتىدۇ

 

نېيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تېمىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بويىنىڭ ئېگىز بولۇشى ئاياللارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋىتىدىكەن.

كەڭ دائىرىلىك بىر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، ئاياللارنىڭ بويى قانچە ئېگىز بولغانسىرى ئۇلاردا راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلار، بىر مىليون 200 مىڭ ئايالغا مۇناسىۋەتلىك، توققۇز يېرىم يىلدا توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ ئاياللارنىڭ ئارىسدا راك كېسىلى بارلارنىڭ سانى 97 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، 1.5 مېتىر بوي ئېگىزلىكىدىن كېيىنكى ھەر ئون سانتىمېتىرلىق بىر بوي ئارتىشىدا، ئاياللارنىڭ راك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى %16 ئارتىپ بارغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 21 – ئىيول دۇنيا تىببىي ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ژورنال ھېساپلىنىدىغان « ئوپراتسىيە ۋە راك ئىلمى» (The Lancet Oncology) دە ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقاتچىلار راك كېسىلىنىڭ 17 تۈرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان، پەقەت بۇ راك كېسەللىكلىرىنىڭ 10 تۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان راك خەۋىپىنىڭ ئارتىشى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. ماقالە ئاپتۇرلىرىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۆسۈش ھورمۇنلىرىنىڭ سەۋىيىسى راك گىنلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنى، بويى ئېگىزرەك بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى كۆپرەك ھۆجەيرىگە ئىھتىياجلىق بولغاچقا تەنچىلەرنىڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىش خەۋىپى يۇقىرىراق بولىدىكەن.

بۇ تەتقىقاتچىلار يەنە، ئاسىيا، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ۋە شىمالى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بوي ئېگىزلىكى بىلەن راك كېسىلى خەۋىپى ئارىسىدىكى باغلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى كۈزىتىش نەتىجىلىرىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان.

بۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن، ئوكسفور ئۇنۋېرسىتى تارقىلىشچان كېسەللىك تەتقىقاتچىسى جېن گرىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىدى راك كېسىلىنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ، قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان كىشىلەر توپىدىكى، ھەر تۈرلۈك راك كېسەللىك خەۋپ ئامىللىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل ئوخشاشلىقنىڭ بايقىلىشى راك كېسىلى تەتقىقاتىدىكى نىگىزلىق بايقاشلاردىن بىرى ھېساپلىنىدىكەن.

قەيسەر مۇھەممەد تەييارلىدى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا