ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  خانىم - قىزلار

ئاياللارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك گۆھىرى- ئىپپەت

ۋاقتى : 2012-11-18  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بىزەك ئىپپىتىنى ساقلاش، ئايال دىمەك – پاكلىق دىمەكتۇر، ئايال دىمەك – گۈزەللىك دىمەكتۇر، ئايال بولغاچقا ھاياتتا ئاجايىپ گۈزەل، ئاجايىپ رەڭدار سەھىپىلەر ئاپىرىدە بولغان.
بىر ئايال ئاياللىق سۈپىتىدە جىمىكى مىھرىبانلىقنىڭ، پاكلىقنىڭ مۇجەسسىمى، ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتلىق ئالىمىدىكى نەپىسلىك ۋە جىلۋىدارلىقنىڭ سىمۋولى، ئانا سۈپىتىدە ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئاپرىدىگاھى ۋە پەرۋىشكارىدۇر.
تەھقىقكى، پەزىلەتلىك قىزلاردىن پەزىلەتلىك ئانىلار يىتىشىپ چىقىدۇ. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بارلىق قەھرىمانلارنى، جىمىكى سەلتەنەت ساھىپقىرانلىرىنى، دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ۋە ئىستىدات ئىگىلىرىنى ئەنە شۇنداق قەلبى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن تويۇنغان، ھايات مۇساپىسىنى ئۇلۇغ غايىلەر بىلەن نۇرلاندۇرغان پەزىلەتلىك ئانىلار يىتىشتۈرۈپ چىققان.
مىللەتنىڭ كېلەچىكى- قىز-ئاياللارنىڭ قولىدا، بۇ – قىل سىغمايدىغان ھەقىيقەت. ئەنە شۇ قىزلار پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بىخلىرى، جەسۇر يىگىتلەرنىڭ ھەمنەپەسلىرى، جاھان مەئىشەتلىرىنىڭ نەپىس بىزەكلىرى، قاشتېشىدەك سۈزۈكلۈكنىڭ جۇلالىرى، پاكلىقنىڭ مەۋجۇدىيەتتىكى زاھىرى ئەمەسمىدى؟ جاھاندا ۋىجدان- غورۇرى بىلەن ھەقىيقى ياشاشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمىدۇ؟
ئېھتىمال دىلىدىن ئېتىقاد نۇرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن كىشىلەردىنمۇ ئارتۇق پەسكەش، قورقۇنۇچلۇق كىشىلەر بولمىسا كېرەك. ئىنسانلار دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغاندا، ھايا-نۇمۇسنىڭ ئوندىن توققۇز ئۆلۈشى ئاياللارغا، بىر ئۆلۈشى ئەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەنمىش، ناۋادا ئەكسىچە بولغان بولسا، روھىيەت گۈزەللىكىنىڭ جۇلالىرىنى، مەۋجۇدىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەڭگۈلۈككە ئۇزۇتۇپ قوياركەنمىز.
بىلەمسىلەر قىزلار بىزنىڭ روھىيىتىمىز ئەزەلدىن شەرمىي-ھايا، ئەدەپ-ئەخلاق گۈللىرى بىلەن بىزەنگەن ئىسلام شەرق تارىخىنىڭ شاھانە قەسىرلىرىگە ئاجايىپ ئىسىل مىۋىلەرنى ھەدىيە قىلغان. بۈگۈنگە كەلگەندە روھىي كىرزىس پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، مەدەنىيەت دالاسىدىكى تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالساق، بىزنىڭ ئەتىمىزنى قايسى يۇسۇندا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟
قىزلار سىلەر نىمىگە ئىرىشمەكچى بولۇپ، يېرىم –يالىڭاچ كىيىنىۋالىسىلەر؟ سىلەر غەلىتە تۇرقۇڭلاردىن پەخىرلىنىپ، گىدىيىپ يۈرۈشكىنىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئالۋاستى ، نىقاپلىق جىندەپ ئاتىلىپ، بۇزۇق، پەسكەش ئەرلەرنىڭ ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاگاھ بۇلۇڭلار ،قىزلار! سىلەرنى كۈتىۋاتقىنى ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە، دېنې روھ، مىللى ئەنئەنىلەرنىڭ قەبرىگاھى، زالالەت ئالىمىنىڭ چۈشكۈنلۈك بىلەن تويۇنغان مەشئۇم قىسمەتلىرى.
ئىشىنىمەنكى، سىلەر قانداق بولساڭلار، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار، كەلگۈسىدىكى ئائىلەڭلارمۇ شۇنداق بولغۇسىدۇر. چۈنكى ئەر دۇنيانى لاھىيەلىگەن بىلەن ئايال ئەرنى لاھىيەلەيدۇ، ئائىلىنى لاھىيەلەيدۇ. بۇيەرگە كەلگەندە مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ. مىلادى 5-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر قولاس قەبىلىسىنىڭ بېگى بەگقۇلىبەگ قورقماس، شىجائەتلىك، باھادىر ھەمدە قابىل يولباشچى، مەسئۇلىيەتچان داھى بولۇپ شۇ ۋاقىتتىكى سىيانپىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىلىقىغا قارشى ئۆز خەلقىنى يىتەكلەپ قەھرىمانلارچەجەڭ قىلغان ھەمدە ئۆز ۋەتەن تۇپرىقىغا دۈشمەنلەرنىڭ ئىپلاس ئايىغىنى قەتئىي تەگكۈزمىگەن قەھرىمان جەڭچى ئىكەن، قىز-ئاياللار ناخشا قوشاق ئېيتسا، بەگقۇلىنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەگقۇلى ھەققىدە:
ۋاي كەلدى دىگەندە بەگقۇلى ئانا،
بوۋاقنىڭ يېغىسى توختايدۇ شۇئان.
دەيدىكەن ياش قىزلار ناخشا ئېيتقاندا،
يىگىتىم بولسا ئىكەن بەگقۇلىسىمان.
دېگەنگە ئوخشاش قوشاقلار بارلىققا كەلگەن. قىزلار ئەنە شۇنداق باتۇرلۇق ، قەھرىمانلىق……. قاتارلىق پەزىلەتلەرنى ھەقىيقى يىگىتلەرنىڭ ئۆلچىمى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر قىزلارنىڭ كۆڭۈل تەختىگاھىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن مەردلىككە، قەھرىمانلىققا تەلپۈنۈپ تارىخىمىزنىڭ قەھرىمانلىق سەھىپىسىنى جۇلالاندۇرغان ئاجايىپ قەيسەر، شىجائەتلىك، مەردۇ-مەردانىلەر يېتىشىپ چىققان . خوش، بۈگۈنگە كەلگەندە قانداق بولدى؟ قىزلىرىمىز يىگىتلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىقىنى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆلچەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ « ئوغۇل بالا» ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان سورۇن مەيخانا، رىستۇران، تانسىخانىلارغا قاترىشىپ، ئۆزىنى جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىپ، ئەقلىنى ھەرخىل ئىچىملىك- چىكىملىكلەرنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ۋە بەتبوي پۇراقلىرىغا يەم قىلىپ بەردى. نەتىجىدە شامال پۈۋلىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان نازۇك، ھەتتا قاراڭغۇدىنمۇ قورقىدىغان، زەئىپ يىگىتلەر كىلىپ چىقتى. بۇنىڭ سەۋەپكارى كىم؟
مۇنداق بىر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ : ئەرلەر ھامان ئاياللارنىڭ ئۆلچىمىدە ياشايدۇ. قىز-ئاياللار رىستۇرانلىشىپ كەتكەن ئەلدە،ئەرلەردىكى شىجائەت، جاسارەتنىڭ ئورنىنى چۈشكۈنلۈك، غېرىپلىق ئىگەللىمەي مۇمكىنمۇ؟
ئۆزىنى بىلمەيدىغان، نادان، ئاڭقاۋ قىزلار ۋەجىدىن بارلىق قىزلارنىڭ نامى بۇلغىنىپ، خورلۇق ئاسارىتىدە پۇچۇلانسا، ئۇلار بىر قەۋم تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئانا بولىدىغانلىقى ۋەجىدىن بىر قەۋم كىشىلىرى ئۈن تىنسىز ھالدا ھالاكەت گىردابىغا، ئازغۇنلۇق كوچىلىرىدا جان تالىشىپ، نادامەت كۆز ياشلىرى بىلەن مەۋجۇتلۇق بوھرانىنى كۈتۈۋالسا، بۇنىڭغا يەنە تاقەت قىلىۋېرىش كېرەكمۇ؟
پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر خوتۇن-قىزلارنىڭ تەبىئىتى بۇزۇلسا، جەمئىيەت بۇزۇلىدۇ، ئەخلاق چىرىكلىشىدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاساسسىز گەپ ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئاياللار ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. ئاياللار ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانسا، روھى زەبۇنلۇق ئەۋج ئېلىپ، مىللىي مەدەنىيەت خاراپلىققا يۈز تۇتىدۇ. ئەرلەرمۇ يۈگەنسىز ئاساۋ ئاتتەك يولدىن ئادىشىپ، كىشىلىك تۇرمۇش مۇۋازىنىتى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ.
سۆيۈملۈك قىزلار، سەمىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنى قەدىر قىممەتكە، تۈگۈمەس سېھرى لاتاپەتكە ئىگە قىلىدىغىنى تاشقى گۈزەللىك ۋە ماددى ئۈستۈنلۈك ئەمەس، بەلكى ئىچكى گۈزەللىك يەنى، قەلب گۈزەللىكى ۋە ئەخلاقى كامىللىقتۇر.
شائىر ۋە شەرق پەيلاسوپى جالالىدىن رۇمى ئېيتقان:« سەن ساماۋى ۋە زېمىنى ئىككى ئالەمگە باراۋەرسەن، ئەمما ئۆز باھايىڭنى بىلمىسەڭ بولمىغىنى، ئۆزۈڭنى ئەرزىنىگە ساتما، جەزمەن باھايىڭ ئۈستۈن!» .
بىز ياخشى كىيىش، ياخشى يەپ – ئىچىشتەك ئەڭ ئاددى فىزىئولوگىيەلىك ئىھتىياجلاردىن ھالقىيالمىساق، بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىزدە نىمە مەنا بولسۇن؟
سۆيۈملۈك قىزلار، بىغۇبار پاكلىقىڭلارنى، ئالتۇندىنمۇ قىممەت ۋاقتىڭلارنى دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نىممەتلىرىگە، رىستۇران، تانسىخانىلاردىكى بىردەملىك كەيپ – ساپا ھوزۇرىغا تىگىشىۋەتسەڭلار، بۇ ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار نابۇت قىلغانلىق بولماي نىمە؟ سىلەر بىر ياخشى كىتابنى نەچچە ئون يۈەنگە ئېلىشقا چىدىمايسىلەيۇ، بىرەر گىرىم بۇيۇمىنى، بىرەر قۇر كىيم – كىچەكنى نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ سېتىۋىلىشقا رازى سىلەر. كۈنلەپ بازار ئايلىنىشقا ۋاقتىڭلار چىقىدىيۇ، بىرەر سائەت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىڭلار چىقمايدۇ. بەلكىم بۇ خىل مەنىۋى بوشلۇقلار بۈگۈنكى زامانىۋىلىشىشنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك. دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئادەم ئىزدەنسە ھامان ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تۇرمۇشتىن خۇددى دېڭىزدىن سەدەپ سۈزگەندەك سۈزۈۋالالايمىز.
قىز – ئاياللار ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىرى ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىلىرىدۇر! يارالغۇچىنىڭ كامالىتى ئەلۋەتتە ياراتقۇچىنىڭ پاراسىتىگە باغلىق. قېنى قىزلىرىمىزنىڭ پاراسىتى قايسى دەرىجىدىكىن؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا رىئاللىقتىن جاۋاب ئىزدەش ئەڭ ئاقىلانىلىق بولسا كېرەك. شۇغۇنىسى مەنىۋىيىتى پۈچەك ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇشى ۋە مەنىۋىيەت جۇلالىرىنى چاقنىتالىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا روھىيەت ئالىمىنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرىدىن بەھىر ئالالايدىغانلىقى شەكسىزدۇر

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا