تۇغماسلىق كېسەللىكى – جەمئىيەت ۋە ئائىلىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلە .كىسەلنى تۈپتىن داۋالاپ ساقايتىشتا بالدۇر دىئاگىنۇز قۇيۇپ بالدۇر داۋالاشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز .شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالاش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك كىسەلنى ۋاقتىدا داۋالىتىپ مەسلىھەت سوراش كىرەك . تويدىن ئىلگىرى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىمۇ كۆپەيمەكتە ،بىر قىسىم يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى بولمىغاچقا توغرا داۋالانمىسا ئاسانلا كۆپىيىش سېستىمىسىدە توسالغۇ پەيدا بۇلىدۇ .شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇغۇت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم ،بۇ تۇغماسلىك كىسەللىكىنى داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىش ھىساپلىنىدۇ . بوغدا دوختۇرخانىسى ئۇزۇن يىللىق كىلىنكا ئەمەلىيىتى جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەر-ئاياللارنى داۋالاپ ساقايتتى. ئۈرۈمچىدىن باشقا، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر، خوتەن، يەكەندە تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئاغرىقلارغا قولايلىق ياراتتى. تۆۋەندە بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلىرى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سالايلى:
8 تۈرلۈك كېسەللىك ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
1 -- ھېيىز قالايمىقانلىشىش :
1) ھېيىز مەزگىلىنىڭ ئۆزگىرىشى : بۇ ھېيىزنىڭ ياكى بالدۇر ياكى كىيىن كىلىشىنى كۆرسىتىدۇ .
2) ھېيىز مىقدارىنىڭ ئۆزگۈرىشى : بۇ ھېيىز مىقدارىنىڭ ناھايتى كۆپ ياكى ناھايتى ئازلىقىنى كۆرسىتىدۇ
3)ھېيىز مەزگىلىنىڭ ئۇزۇرىشى : بۇ سېرىق تەن ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولماسلىقى ياكى ماتكا ئىچكى پەردىسى ياللۇغى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا دائىم كۆرىلىدۇ .
2 – ھېيىز توختاش :بۇ قىزلارنىڭ 18ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ ھېيىز كەلمىگەنلىكىنى ؛ھېيىز كەلگەندىن كىيىن ئۇدا 6 ئايدىن ئاشقىچە ھېيىز كەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ .نۇرغۇن ئاياللار ھېيىز توختىغاندىن تۇغمىغان .بۇنىڭدا بالياتقۇ ،تۇخۇمدان ،مىڭە ئاستى بېزى قاتارلىقلاردا مەسىلە كۆرۈلگەن
3— ھېيىزنىڭ ئاغرىتىپ كىلىشى :بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ جايلىشىش ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ،داس بوشلۇقى ياللۇغى ،بالياتقۇ مۇسكىلى ئۆسمىسى ،بالياتقۇ تولۇق يىتىلمەسلىك ،بالياتقۇ ئورنى غەيرى جايلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا ھېيىز ئاغرىتىپ كىلىدۇ .
4 – ھېيىزدىن ئىلگىرى ياكى كىيىن كۆرۈلىدىغان كىسەللىكلەر :بىر قىسىم ئاياللاردا ھېيىزدىن ئىلگىرى ياكى كىيىن ھېيىزدىن ئىلگىرى كۆرۈلگەن كۆكسى چىڭقىلىش ،ھېيىز مەزگىلىدە بېشى ئاغرىش ،ئىچى سۈرۈش، بەدىنى ئىششىش ،قىزىش ،يۈزىگە دانىخورەك چىقىش ،بىزارلىق ھىس قىلىش قاتارلىق كىسەللىكلەر ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بىلەن سېرىق تەننىڭ ساغلام بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاخىرىدا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
5 – ئاق خۇننىڭ غەيرىلىشىشى : بۇ جىنسىي يول ياللۇغى ، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى ،بالياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى ،قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغى ،داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە تۈرلۈك جىنسىي تارقىلىش كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاندا ئاق خۇن كۆپىيىش ،سارغىيىش ،پۇراش ،جىنسىي يول قىچىشىش ،ئاغرىش قاتارلىقنى كۆرىستىدۇ ،بۇ كىسەللىكلەر ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تۇغۇتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
6 – قوساق ئاغرىش : داس بوشلىقى ياللۇغى ،بالياتقۇ ياللۇغى ،تۇخۇمدان ياللۇغى ،بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ غەيرى جايلىشىشى ۋە بالياتقۇ ،تۇخۇمدان ئىششىغاندا قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ،2 تەرىپى ياكى بەل ئاغرىيدۇ .
7— سۈت ئېقىپ چىقىش : بۇ بالا ئىمىتمىگەن مەزگىلدە ئۆزلىكىدىن ياكى باسقاندىن كىيىن سۈت ئېقىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ ،بۇ ئەھۋال تۆۋەنكى دۆڭچە مىڭە ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولماسلىقى، ھىپوفىز ئۆسمىسى سۈت ئاجراتما قالدۇقى ياكى بىرلەمچى قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى ۋە بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھامىكدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ۋە قان بېسىم دورىلىرىمۇ بۇ كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈت ئېقىپ چىقىش دائىم ھېيىز توختاش بىلەن بىرىكىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
8— بەزىدە رۆشەن كىسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ ،مەسىلەن ئاستا خارەكتىرلىك داس بوشلىقى ياللۇغى ،تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى تۇسۇلۇپ قېلىش قاتارلىقلار .
كونىلاردا سەۋەپ قىلساڭ سەۋەتتە سۇ توختايدۇ دەيدىغان گەپ بار، يۇقۇرقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاغا بېرىپ كۆرۈنۈپ داۋالاتقاندا تۇغماسلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى، ئالدىنى ئالغىلى بولۇدۇ. ھەممىمىزنىڭ ئوماق ساغلام پەرزەنت كۆرۈشى، تۇرمۇشنىڭ ئىناق، بەختلىك بولۇشىغا چىن قەلبىمىزدىن تىلەكداشمىز.