ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  خانىم - قىزلار

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى 12 تۈرلۈك ساۋات

ۋاقتى : 2012-02-05  مەنبەسى : بوغدا دوختۇرخانىسى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

1.  روھى جەھەتتە :  ھامىلدار ئاياللارنىڭ روھى كەيپىياتى ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ئۆزىگىمۇ  چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ
 2 .يىمەك ئىچمەك جەھەتتە : ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپرەك تاماق يىيىشى، تاماق تۈرلىرىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرىشى  كىرەك ،مۇشۇنداق قىلغاندا بىر قەدەر كۆپ بولغان ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارغا ئېرىشەلەيدۇ .
3 .چوڭ تەرەت   :ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ،بۇلۇپمۇ ئادەتتە قەۋزىيەت بۇلۇپ تۇرىدىغانلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئاسان كۆرۈلىدۇ .
4 . كىچىك تەرەت: ھامىلدارلىق  مەزگىلىدە بۆرەكنىڭ خىزمىتى ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا ئۇنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش،تاماق ئۇسسۇزلۇقنى يېتەرلىك يىيىش كېرەك . سامساق ،مۇچ ،ھاراق قاتارلىق غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك ياكى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئاز يىيىش لازىم .سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ كەتسە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى كېرەك .
5 .ئەمچەك : ئەمچەك – بوۋاقلارنىڭ ئاشلىق ئامبىرى بۇلۇپ ئۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ساغلام يىتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ،بوۋاق تۇغۇلغان  دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە سۈت ناھايتى كۆپ چىقىدۇ ئەمما ئەمچەكنىڭ ئۇچى بەك كىچىك ياكى  قىسقا بولسا بوۋاق سۈمۈرەلمەي ئەمچەك چىڭقىلىپ كىتىدۇ ھەتتا قىزىرىپ ئىششىيدۇ ،بىر نەچچە چىڭقالغاندىن كىيىن سۈت ئازىيىپ كىتىدۇ ھەتتا سۈت ھاسىل بولماي بوۋاق يىتەرلىك سۈتكە ئېرىشەلمەيدۇ .
ئەمچەكنىڭ ئۇچى بەك كىچىك ياكى  قىسقا بولسا ھەر كۈنى ئەمچەكنىڭ ئۇچىغا ياغ سۈرتۈپ ، 2بارماق بىلەن ئۇنى يىنىك  كۆتۈرۈپ ئۇنى ئاستا ئاستا يوغانتىپ تېرىسىنى قېلىنلاتسا  بوۋاق  ئۇنى ئاسان  سۈمۈرەلەيدۇ ھەمدە  ئاسان يېرىلىپ كەتمەيدۇ . ئەمچەكنىڭ جايلىشىش ئورنى بەك ئىچىدە بولسا 2 بارماق بىلەن ئۈستىدىن بېسىپ 2 تەرەپكە تارتىش كىرەك .مۇشۇنداق قىلغاندا ئەمچەك يۇقۇرىغا كۆتۈرىلىدۇ ،بۇ ھەركەتنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئەمچەك ئۇچى تەدرىجى كۆتۈرىلىدۇ .مۇبادا ئەمچەك ئۇچى ھەم قىسقا ھەم كىچىك بولسا ئۇنى بېسىش ،تارتىش ئارقىلىق ئۇزارتقىلى يوغانلاتقىلى بۇلىدۇ .بۇ ئۇسۇل ئانچە ئاۋارىچىلىق ئەمەس .ئەمچەك ئۇچىنى ھەر كۈنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش لازىم .ھامىلدارلىق مەزگىلىدە  ئەڭ ياخشىسى لىپتىك تاقاش كىرەك.  بۇ  ئۇنىڭ ساڭگىلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،ئۇنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى مەخسەت قىلىدۇ .
6 .كىيىم كىچەك : ھامىلدار ئاياللار  سىرتقى قىياپىتىنىڭ گۈزەل بۇلىشىنى قوغلۇشۇپ تار كىيىم كىيمەي ، كەڭرى ئازادە كىيىم كىيىشى كىرەك .ھامىلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىشتانغا تاقىغان كەمەرنى بەڭ چىڭ تاقىماسلىقى لازىم .
 7 .يۇيۇنۇش : ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تېرىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كىتىدۇ،  بۇ ۋاقىتتا سۇ ۋە كىرەكسىز ماددىلار كۆپلەپ سىرتقا چىقىرىلىدىغان  بولغاچقا چۇقۇم  تېرىسىنى پاكىز تۇتۇشى، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
8 .چىش : ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چىشنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم .
9.جىنسىي تۇرمۇش : ئاياللار نورمال ھامىلدار  بولغان  مەزگىلدە دەسلەپكى 2 ئاي بىلەن ئاخىرقى 2 ئايدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىكى كىرەك .
 10 .ساياھەت قىلىش : نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ساياھەتكە چىققان ۋاقىتتا باشقىچە ئەھۋالغا يۇلۇقمىسامۇ ئەمما پويىز، كىمىدە تۇغۇپ قۇيىدىغان ۋە تولغۇغى تۇتۇپ كىتىدىغان ئەھۋال دائىم كۆرۈلىدۇ .شۇڭا ھامىلدار ئاياللار يىراق جايغا ساياھەتكە بارماسلىقى كىرەك ،بېرىشقا توغرا كەلسە سىلىق يولنى تاللاپ مېڭىشى كىرەك .
11 .ئەمگەك ۋە ھەركەت : ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن  نورمال ھەركەت ۋە ئەمگەك  قىلىش پايدىلىق ، ئىشخانىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇدىغان ھامىلدار ئاياللار پۇتىغا كىچىك ئورۇندۇق قويۇۋالسا، پاقالچاق ۋېنا تۇمۇرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولۇدۇ.
12 .تۇغۇتتىن ئىلگىركى تەكشۈرۈشتۈش . ھامىلدار ئاياللار يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ھەرقايسى جەھەتلەرگە دىققەت قىلىشتىن سىرت يەنە تۇغۇتتىن ئىلگىركى تەكشۈرۈشتۈشكىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا