ھەيز ئاياللاردىكى بىر خىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت بۇلۇپ، ھەيز كەلگەندە بەدەندە بەزى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. چوڭ مىڭىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ مىڭىنىڭ غىدىقلىنىش ۋە تورمۇزلىنىش تەڭپۇڭلىقى تەسىرگە ئۇچراپ كىسەللىككە قارىتا قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا زۇكام ۋە باشقا كىسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. قىسمەلىكتىن ئېيتقاندا، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ بەزى قوغدىنىش ئىقتىدارلىرى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن، باكتىرىيىلەر بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بۇ چاغدا تازىلىققا دىققەت قىلىنمىسا، جىنسىي ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز كىلىش ۋاقتىدا كىسەل بۇلۇپ قالسا، ساغلاملىققا ۋە تۇغۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە ھەيز كەلگەندە قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. ھەيز كەلگەندە ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر پاكىز بۇلۇشى كېرەك: قىزلار بىلىشكە تىگىشلىك بەزى تازىلىق بىلىملىرىنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن، ھەم بەزى ياشقا چوڭ ئاياللار كونا جەمئىيەتتىكى ئەنئەنىۋى كۆز قارىشىنىڭ تەسىرىدىن،ئادەت كۆرۈشنى پاسكىنىچىلىق، رەسۋاچىلىق دەپ تۇنۇيدۇ. كۆپلىگەن ياش قىزلار تا ھازىرغىچە ئادەت كۆرۈشنى ‹‹ پالاكەت باسقانلىق ›› دەپ قارايدۇ. شۇڭا تازىلىققا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا تۇنۇشتۇر. ھەيز كىلىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر ئاتلانگا ھەيز لاتىسى بۇلۇپ، بۇلار بىۋاستە جىنسىي ئەزا بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا پاكىز بۇلۇشى كېرەك. قانداق ئاتلانگا تازىلىق ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولىدۇ دىگەندە، ئەڭ ياخشىسى سۈمۈرۋېلىشى رولى كۈچلۈك بولغان، دىزىنفىكسىيىلەنگەن يۇمشاق تازىلىق قەغىزى ياكى تازىلىق پاختىسى قاتارلىقلاردۇر. ھازىر ماگىزىنلاردا سېتىلىۋاتقان تازىلىق قەغەزلىرى ناھايىتى مۇۋاپىق، ئەگەر ئۇ بولمىغان ھالەتتە پاكىز، دىزىنفىكسىيە قىلىنغان كونىراق رەخت بولسىمۇ بولىدۇ. تازىلىق قەغەزلىرى بىلەن ھەيز لاتىسىنى پاكىز ئورۇنغا قۇيۇش، ئادەت كەلگەندە ھەيز لاتىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر ۋاقتى ئۇزۇنراق بولسا ئاسانلا پاسكىنلىشىپ، باكتىريىلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ۋە كۆپىيىشىگە ئوڭايلىق تۇغدۇرۇلىدۇ ھەمدە ھەيز لەختىلىرى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز لاتىسى (بانداژ) ئادەتتە يۇمشاق، سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاختا رەختتىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىككى – ئۈچىنى زاپاس تەييارلاپ قۇيۇش لازىم. ھەيز لاتىسى قان بىلەن پاسكىنا بولغاندا ۋاقتىدا يۇيۇپ يۆتكەپ تۇرۇش، يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بانداژدىكى مىكروبلار يوقىتىلىدۇ. رىزىنكە ھەيز لاتىسىنى گەرچە ئاپتاپقا سالغىلى بولمىسىمۇ، بۇنىمۇ يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەرگە ئېسىپ، قۇرىغاندىن كىيىن ساقلاپ قۇيۇش لازىم. بەزىلەر خىجىل بۇلۇپ ھەيز لاتىسىنى قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغا تىقىپ قۇيۇدۇ. بۇنداق قىلسا دىزىنفىكسىيەلەنمەيدۇ، جىنسىي ئەزا مىكروبلىنىپ قالىدۇ.
2. ئەۋرەت (ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزا قىسمى ) تازىلىقى: ھەيز كىلىۋاتقاندا چوقۇم ئەۋررەت تازىلىقىنى ياخشىلاش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ھەر قېتىمدا ھەيز لاتىسىنى ئالماشتۇرغاندا يىلمان سۇدا سۇپۇنداپ يۇيۇش، يۇغاندا ئالدى بىلەن قولنى پاكىزە يۇيۇش، ھەرگىز داستا ئولتۇرۇپ يۇماسلىق، پاسكىنا سۇلارنىڭ جىنسىي يوللىرىغا كىرىپ كىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەت كۆرىۋېتىپ مۇنچىغا چۈشكەندە ۋاننىدا يۇيۇنماي، دۇشتا يۇيۇنۇش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭ – كىچىك تەرەپ قىلىپ ئېيتىدىغان چاغدا ئالدىدىن كەينىگە قارىتىپ ئېيتىش، شۇ ئارقىلىق مەقئەت ئەتراپىدىكى پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ جىنسىي يوللىرىغا كىرىپ كىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
3. ھەيز مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇش: ھەيز كىلىۋاتقان مەزگىلدە مۇتلەق جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماسلىق كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغاندا، مىكروبلار جىنسىي يولغا ئاسانلا كىرىپ، جىنسىي ئەزالار ۋە داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت، غىدىقلىنىپ، يەرلىك ئورۇندا قان تۇلۇشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەيز مەزگىلىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى ۋە ھەيز مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
4. ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق تىگىشتىن ساقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك: ھەيز مەزگىلىدە ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاشقا، بۇلۇپمۇ قورساق ۋە ئىككى پۇتىنى ئىسسىق ساقلاش لازىم. نەم يەرگە ئولتۇرۇشتىن، يامغۇردا قېلىشتىن، سۇ ئۈزۈشتىن، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنۇشتىن، باش يۇيۇشتىن، پۇت يۇيۇشتىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىش كېرەك. دىققەت قىلىنمىسا، ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق تىگىپ، بەدەننىڭ كىسەللىككە قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىشىپ ئاسانلا كىسەل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەيز مەزگىلىدە تۇيۇقسىز سوغۇققا ئۇچىرسا ياكىقاتتىق سوغۇق تەسىرىدىن نېرۋا سېستىمىسىنىڭ رىئاكسىيىسى ئارقىلىق بالىياتقۇ ۋە داس بوشلۇقى ئىچىدىكى قان تۇمۇرلىرى قىسقىراپ، ھەيزنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنى ياكى ھەيز مىقدارى ئازىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. ھەيز مەزگىلىدە ئەمگەك ۋە قاتتىق ھەركەت قىلىشقا بولمايدۇ: ئادەتتە نورمال ساغلام ئاياللار ئەمگەك ۋە خىزمەتلەرگە قاتناشسا بولىۋىرىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ زىيىنى بولماستىن، بەلكى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، ھەيز مەزگىلىدىكىدىكى بەل ئاغرىش، بىلى تېلىش، تۆۋەنكى قۇرساق قىسىمىنىڭ بىئاراملىقى قاتارلىق ئالامەتلەرنى يەڭگىللىتىشكە پايدىسى بار. بىراق ئېغىر ئەمگەككە، قاتتىق ھەركەتلەرگە قاتناشماسلىق كېرەك. ئەتىگەنلىك گىمناستىكا، بەدەن چېنىقتۇرۇشلارغا قاتناشسا بولىدۇ.
6. ھەيز مەزگىلىدە كەيپىيات ئۆزگىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك: ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتىمىنىڭ تەسىرىدىن چوڭ مىڭە پوستىلىقىنىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا بەزى ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە روھىي ھالىتى تۇراقسىزلىنىپ، ئاسانلا ئاچچىقى كىلىدىغان، چېلىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا سىرتقى ناچار روھىي غىدىقلىنىش قوشۇلغاندا، يەنى روھىي جىددىيلىك، ھاياجانلىنىشلار ھەيزنىڭ نورمال كىشىلىگە تەسىر قىلىدۇ ھەم بىئاراملىقىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە خۇشال – خوراملىقنى ساقلاپ، روھىي ئازابلاردىن ساقلىنپ ھەيز قالايمىقانلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.