ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  خانىم - قىزلار

يىگىت تاللاشتا كەتكۈزۈپ قويىدىغان قىزلار

ۋاقتى : 2011-07-21  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

دائىم دېگۈدەك شارائىتى خېلى ئوبدانلا قىزلارنىڭ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز ياكى يىگىتنى ئۆزىگە ئانچە ماس كەلمىگەندەك ھېس قىلىمىز. بۇ تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن:
زىيادە كەڭ قورساق قىزلار. بۇنداق قىزلار يىگىتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى باشقا قىزلارغا قارىغاندا بەكرەك قۇبۇل قىلالايدۇ، شۇڭىمۇ، يىگىت تاللىغاندا ئەزۋەيلەپ كەتمەيدۇ. ئۇلار يىگىتلەرگە قاتتىق تەلەپ قويمىغاچقا، گۈزەللىك ئۆلچىمىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ.
ئۆگىنىشكە زىيادە بېرىلگەن قىزلار. بۇنداق قىزلار ياشلىق مەزگىلىنى ئوقۇش، ئىمتىھان بېرىشكە ئاجراتقاچقا، ئەتراپىدىكى يىگىتلەرگە دىققەت قىلىشقا چولىسى تەگمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يىگىتلەرگە باھا بېرىش ئىقتىدارىدا قىلچە ئىلگىرىلەش بولمايدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كېيىنكى تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بىلىم ئېلىش بىلەن بىللە، ھېسىياتنىمۇ بېيىتىپ بارغان ياخشى.
تەقدىر-پىشانىگە زىيادە ئېشىنىدىغان قىزلار. بۇنداق قىزلار بىرەر قېتىملىق تاسادىپىي ئۇچرىشىشنى پىشانىسىگە پۈكۈلگەن، دەپ بىلىدۇ، شۇڭىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئارتۇقچە ئويلاشمايدۇ.
ساددا قىزلار. قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى چۈشىنىشى تولىمۇ تەس، بولۇپمۇ ساددا قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى چۈشىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بۇنداق ساددا قىزلارنىڭ كۆرىدىغىنى يىگىتلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
زىيادە ئابرۇيپەرەس قىزلار. ئابرۇيپەرەسلىكنى يامان ئىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، مۇۋاپىق بولسا كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى يىگىت تېپىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، بىراق چەكتىن ئاشتىمۇ، ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. بۇنداق قىزلار يىگىتلەرنىڭ قول-ئىلكىدە بار-يوقلىقىغا قارايدۇ، ئەلۋەتتە، يىگىتلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم سانىلىدۇ، بىراق ئۇلار ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ سەۋەبىدىن يىگىتلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا