ئەتراپىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھايات چەمبىرىكىدىكى ئۇپا–ئەڭلىك ، كىيىمگە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى بىلىم ، كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك ، توي –تۆكۈن ، چاي–ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارىنىڭ ئورنىنى يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۆكۈش ئىگىلىگەن بولسىدى ، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى .
* ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار مىللەتنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ .
* ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تالاي بۈيۈك ئىمپېرىيە ، قۇدرەتلىك خاندانلىقلار ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىگەن ئاياللار سەۋەبىدىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن .
* ئايالنىڭ ۋاقتى ، زېھنى بىلىم ۋە قابىلىيەت بىلەن مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يارىتىش ، ئېرىگە ھەمنەپەس بولۇپ ، ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر .
* ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ ، ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرەيدۇ .
* ئانا–ئاياللىق خاراكتېرىدىكى ئەۋرىشىملىك ، يۇمشاقلىق ، مېھىر–مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيەلەشتىكى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى .
* ئەرلەرنىڭ بېشى چۈشۈپ ، ئەرلىك سالاھىيىتى ئۆز ئورنىنى تاپالمىغاندا ئاياللار تەربىيەسى تولىمۇ مۇھىم . چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى ، بالىلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى .