ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  خانىم - قىزلار

سىز قايسى خىل ئايالغا تەۋە ؟

ۋاقتى : 2011-03-20  مەنبەسى : شىنجاڭ ئاياللىرى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

سىز قايسى خىل ئايالغا تەۋە ؟


ئاياللار- ھاياتنىڭ ئۇلۇغ تىرىكى ۋە تەسەللىي بەرگۈچىسى.
ئاياللار- كۈزەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللار- ئەرلەرنىڭ ئۇلۇغ تەربىيەچىسىدۇر.
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى- قەلبى گۈزەل بولۇش بىلەن قىياپىتى گۈزەل بولۇشنىڭ بىرلىكىدۇر.
ئاياللاردىكى ئەڭ مۇھىم پەزىلەت- مۇلايىملىق.
ئاياللار- ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتقان بولۇپ، گەپ ئۇنىڭ بۇ ئاچقۇچنى ئىشلىتىشنى بىلىش- بىلمەسلىكىدە.
ئوماق ئايال- دولانا كومىلىچى، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
جەزبىدار ئايال- روھلاندۇرغۇچى دورا، تىنچ تۇرغان نېرۋىڭىزنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- ئاسپىرىن، ساغلام بولمىغان ئوي- پىكرىڭىزدىن خالاس قىلىپ، مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇلايىم ئايال- ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.
سىرداش ئايال- ئاغرىق توختىتىش دورىسى، گەرچە مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئاق كۆڭۈل ئايال- ئىسپىرىت، قەلبىڭىزنى ئىللىتىپ، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى دۇنيانى دېزىنفىكسىيە قىلىدۇ.
كەڭ قورساق ئايال- تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك دورىسى، چۈشكۈنلەشكەن كىشىلىك ھايات يولىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ.
ياسالما ئايال- سۇيۇق دورا، ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللى بېرىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- پۈتكۈل دۇنيانى «ئوزۇق» قا ئىگە قىلىدىغان كىتاب، سەنئەت ۋە بىلىم بۇلىقىدۇر.
گۈزەللىك- ئاياللارنىڭ پەخرى، ئار- نومۇس ـــــ ئاياللارنىڭ پاكلىقى، گۈزەل- ئەخلاق ـــــ ئاياللارغا مەڭگۈلۈك ئىززەت- ئىكرام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
ئايال- ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىختىراپچىسىدۇر.
ئاياللار- قۇياش، ئۇنىڭ مېھرى- تەپتى ھېچقاچان سوۋۇماستۇر.
ئاياللار- بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللارنىڭ دىلى ئاغرىغاندا زىمىن تىترەيدۇ.
ئايال قەدرى- ھايات قەدرى.
ئايال- مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى، ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى.
ياخشى ئايال- قېنىڭغا قان، قانىتىڭغا قانات، جېنىڭغا جاندۇر.
ئىشچان، پەزىلەتلىك، مۇلايىم ئايال ـــــ گۈلباغ، ھازازۇل ئايال ــــ چۆل ساي.
بىر قوتان مېلىڭ بولغىچە، كۆيۈمچان، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بولمىسا بىكار.

مەنبەسى: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلىدىن ئېلىندى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13999939240 _ 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇر1-بىنا 1-كورپۇس 2005-ئىشخانا