ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 5.0
«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىگە 90-يىللاردىن بۇيان نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە نوپۇزلۇق لۇغەتلەردىن جەمئىي 3 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى مول، قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش قولاي. كومپيۇتېر جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، ھەر قايسى مۇھىم تىل ئارىسىدىكى قىيىنچىلىقىڭىزنى يېڭىشتە قابىل ياردەمچىڭىز ۋە ياخشى ئۇستازىڭىز بولالايدۇ.
ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە لۇغەت قوشۇلدى، سۆزلۈك مىقدارى 3 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ.
سۆزلەرنىڭ ھەر قايسى لۇغەتلەردىكى ئورنىغا ئاساسەن لۇغەت ئايرىمىسى، كەسىپ تۈرلىرى بېرىلدى، سۆزلەر مەنا تەرتىپى بويىچە ئاساسىي مەنىسى ئالدىغا كۆچمە مەنىسى ئارقىغا تىزىلدى. لۇغەتتىن ئىزدەش تەرتىپىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدىغان بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئىزدەش يۆنىلىشىنى ئالماشتۇرۇش ياكى تاللاش ھاجەتسىز بولۇپ، قانداقلا سۆز كىرگۈزۈڭ ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، سىز بېكىتكەن لۇغەت ئىزدەش تەرتىپى بويىچە ئىزدەيدۇ. ھەتتا خەنزۇچە پىنيىن كىرگۈزسىڭىزمۇ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىگە. خەنزۇچە بۇشۇلار ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەش ھالىتى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، خەنزۇچە تاق خەت يان بۆلەك ۋە سىزىق سانى بويىچە تېخىمۇ ئېنىق ئايرىلدى. لۇغەتكە يەنە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ سىڭدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئايرىم قاچىلىمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
خەنزۇچە سۆز-ئىبارىلەرنىڭ (ھەقىقىي ئادەم) تەلەپپۇزى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئاۋاز سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى. ماشىنا ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بىرىكمە ئاۋاز ئەمەس.
ئېكراندىن كۆپ تىللىق سۆز تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشىلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە سۆزلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تۈرلەر بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
قوشۇمچە قوراللاردىن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما دىيالوگ، بىر قىسىم قانۇنلارنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىسى، بىرلىك ئالماشتۇرۇش، ئاپتوبۇس لىنيەىسى، مىلادىيە ۋە ھىجرىيە يىلنامىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تەمىنلەنگەن بولۇپ، يەنە لۇغەت قوشۇمچىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى؛ ئېلىمىز تارىخىدىكى سۇلالىلەر؛ 24 مەۋسۇم؛ خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى؛ شىنجاڭدىكى يېزىدىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ پوچتا ۋە تېلېفون رايون نومۇرى؛ دائىم ئىشلىتىلىدىغان تېلېفون نومۇرى؛ جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر؛ مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى ھېيت-بايراملار؛ تىنىش بەلگىلەر؛ دائىم ئىشلىتىدىغان سانلارنىڭ ئوقۇلۇشى؛ 12 مۈچەل جەدۋىلى؛ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ يەر مەيدانى، ئاھالىسى، پايتەختى، پۇلى، دۆلەت بايرىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ئارايۈز تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.
يۇمشاق دېتال قارانچۇقى سەپلەنگەن بولۇپ، خالىغان كومپيۇتېردا خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتەلەيسىز.
نەشرىيات نۇسخىسى
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى (كۆپ تىللىق)
ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى (كۆپ تىللىق)
شەخسلەر نۇسخىسى
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى (ئۈچ تىللىق)
ئىقتىدارلار
ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە، رۇسچە
ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە
ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە
تىل تۈرى
4 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە
3 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە
2 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە
سۆزلۈك مىقدارى
تار دائىرلىك تور
يۇمشاق دېتال قارانچۇقى (خالىغان كومپيۇتېرلاردا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ)
يۇمشاق دېتال قارانچۇقى (خالىغان كومپيۇتېرلاردا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ)
قاچىلاش چەكلىمىسى
كومپيۇتېر سانىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ
550 يۈەن
350 يۈەن
باھاسى
شەخسلەر نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز،
پەقەت شەخس نامىدا تالۇن بېرىلىدۇ. ئىدارە-ئورگان ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز،
شەخسلەر نۇسخىسى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 5.0»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : يۈزلەن سودا باشقۇرۇش سىستىمىسى
كېيىنكىسى : ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7
- ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.72012-06-12
- ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.52012-06-12
- ئۇيغۇرسوفت ھەققىدە2012-06-12
- خەنزۇچە-تۈركچە-ئۇيغۇرچە تۈركۈم سۆزلەر لۇغىتى2012-06-18
- مەشئەل تىببىي لۇغىتى 20122013-07-17
- خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇبارەك
- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال - WinRAR 4
- Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئۇيغۇرچە يېشىل نەشىرى.
- office2007(ئۇيغۇرچە)ھەقىقى نۇسخىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ
- ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىز ۋە ئۇنىڭ پايدىسى
- مەشئەل تىببىي لۇغىتى 2012
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە لۇغەت-ئوكيانۇس
- ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت
- ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 5.0
- ئېلىپبە (1980 – يىللار)
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە لۇغەت-ئوكيانۇس
- ئېلىپبە (1980 – يىللار)
- ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت
- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال - WinRAR 4
- office2007(ئۇيغۇرچە)ھەقىقى نۇسخىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ
- خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 2.0
- Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئۇيغۇرچە يېشىل نەشىرى.
- ئۇيغۇرچە XP 1.1 نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- ئېلىپبە (2000 – يىللار)
- ئېلىپبە (2000 – يىللار)