ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال - WinRAR 4

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2015-07-07 11:35:12 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال - WinRAR 4



WinRAR كومپىيۇتېردا چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم دېتاللارنىڭ بىرى. WinRAR نىڭ ھۆججەتلەرنى قىسىش، قىسىلغان ھۆججەتنى يېشىش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە، ھۆججەتلەرنى مەخپىيلەشتۈرۈش، قاچىلاش پىروگىراممىسى ياساش... قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارى بار.

مەن WinRAR 4 نەشىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. قېنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.

ئىشلەيدىغان مۇھىت:
Windowis نىڭ بارلىق نەشىرلىرى

Winrarنىڭ يەنە Linux، Mac OS X، FreeBSD تا ئىشلەيدىغان نەشىرلىرىمۇ بار. ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى windows تىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىدىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. مەن سىناپ باقمىدىم. شۇ مەشغۇلات سىستېمىسنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا بىرلىكتە سىناپ باقساق بولىدۇ.

 
rar2.jpg



Winrar 4 نىڭ ئۇيغۇرچىسنى چۈشۈرۈش


   


2011-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭىلاندى. چۈشۈرۈپ ئارخىپتىن يىشىپلا قاچىلسىڭىز بىۋاستە ئۇيغۇرچىسى قاچىلىندۇ. بۇرۇنقىدەك ئاۋال قاچىلاپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە يامىقىنى قاچىلاش ھاجەتسىز.


خەت نۇسىخسى ukij tuz tom غا توغرىلاندى. بۇ خەت نۇسخىسنى قاچىلمىغان بولسىڭىز قاچىلاڭ. ئاۋۇ چۈشۈرگەن ھۆججەتنىڭ ئارسىدا بار.
تىزىملىكنىڭ خەت نۇسخىسى ۋىندوۋىس تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ. شۇڭا تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرچە خەت سەت كۆرۈنسە ماۋۇ تېمىدىكى ئامالنى ئىشلىتىڭ.

سىز بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان WinRAR بولسۇن، ياكى يېڭىدىن قاچىلاڭ، WinRAR ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئەمەس. توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى 40 كۈنلۈك سىناق نەشىرى. 40 كۈن توشقاندا ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ، تىزىملىتىپ ئىشلىتىڭ. ياكى كومپىيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرۋېتىڭ.

بىر قىسىم سۆزلەرگە ئىزاھات:

ئۇيغۇرچە WinRAR دا ئىشلىتىلگىنى                        بۇرۇنقى ئاتىلىشى ياكى تەرجىمىسى
ئارخىپ                                                                    پىرىسلانغان ھۆججەت، 压缩文件
قىسىش، قىس                                                            پىرىسلاش،  压缩 , compress
يەش، يېشىش                                                            解压 ,  extract
ئات، ئاتى، ئاتىنى ئۆزگەرت                                          ئىسمى، نامى، نامىنى ئۆزگەرتىش
سۈكۈت، سۈكۈتتىكى، سۈكۈت قىممىتى                          كۆڭۈلدىكى، 默认 , Default

ئاتالغۇلاردىكى خاتالىق ۋە ئىملا خاتالىقلىرى بولسا بەھۇزۇر پىكىر-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Winrar4 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئالىپ تورىغا مەنسۇپ، پۇلغا سېتىشقا، رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە چىقىرىشقا، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.


«ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال - WinRAR 4»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر