سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> ئاساسى ئۇقۇم

ئۇيغۇر تىلى

تۈر : ئاساسى ئۇقۇم | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-28 14:29:25 | كۆرۇلىشى :

ئۇيغۇر تىلى

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

بىل شۇنى ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ پاتماس زەر  قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى.
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇقەدەر ئۇيغۇر تىلى.
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.
 
 ئانا تىل ھەردھم قوۋم- مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى،
ئانا تىل پەن-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى.
ئانا تىل چوڭۇ-كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ-يۆلىكى.
ئانا تىل ۋاستە- قورال ئالاقىدە، قەلىب ئەيىكى.
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.

پەنگە ئاشەق-بىقارار قىلدى مېنى دىبەر تىلىم،
تارتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم.
 ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال-شېكەر،كەۋسەر تىلىم،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ-تەبەر،نەشتەر تىلىم.
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى.
 
<ئا>بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل-زۇۋانغا مەڭگۈ تىل،
قىلدى تىل ئاقىل- نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم.
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم،
تىل بىمار ئاجىز-ئورۇققا تەم داۋا، ئاچلارغا يەم.
خاسىيەتلىك تىلتۇمار، قالقان سىپەر ئۇيغۇر تىلى.

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،
مەن ئىجادئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام.   
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام.       
مۇشۇ تىل بەردى چىدام،مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى.

سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل- ئالتۇن بۇلاق،  
ئۇ-چىراغ، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق.
ئانا تىل يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز-نوتا-بۇلاق،    
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق.
بىزگە پىتمەس كان، خەزىنە شام- سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي- غەزەل يۈكسەك باھا.
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، <مىڭ ياشا!>دېگەن سادا،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما.
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى.

شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان.
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان،
 مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇت بوۋام تۈزدى دىۋان.
مەڭگۈ ئەنگۈشتەر يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا.
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا.
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ- ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخار.
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار،
ئانا تىل بار- ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھەببەت ھەممە بار.
بىزگە ئش-ناندەك زۆرۈردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى.

بولغۇسى قەدرىم پاخال- خەس بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،
ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم.
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم.
ماڭا ئۇستاز، رەھنامە چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى.

خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل-يۇرت ئاۋات.
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات.
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ئارمىنىم بىخ ياردى شاد.
ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.

تىزگىنىنچىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما،
بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما.
بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما.
قىلغىنى      مۇزەپپەر   ، مۆتىۋەر    ئۇيغۇر تىلى  .

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
شۇڭا مەن  ئانا  تىلىمغا  قىلىمەن  چىن  ئىقتىدا.   
ئانا تىلسىز گال، كېكەچمەن، بولىمەن جاندىن جۇدا،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا:
سۈيىدە ئاق، ئوتىدا كۆي، دۇر- گۆھەر ئۇيغۇر تىلى.

خەتكۇچ : ئۇيغۇر تىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار