رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 754 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچىدىكى بىر زاۋۇت بىناسىغا ئوت كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.wlmqwb.com

ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، 3-ئاۋغۇسىت چۈشتىن كېيىن،  مەركىزى شەھەر ئاھالىلىرى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ گېپىنى قىلىشىۋاتقاندا، باداۋان 5-ئەترەتتىكى بىر زاۋۇت بىناسىدىن ئىس-تۈتۈك كۆتۈرىلىپ ئوت كەتكەن، ئوت ئۆچۈرۋىلىنغان ، بىراق زاۋۇت بىناسى ئىچىدىكى دۆۋلەپ قويۇلغان قىممىتى 160 مىڭ يۈەنلىك كىگىز مەھسۇلاتى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن.
3- ئاۋغۇسىت سائەت 18 دىن 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا، باداۋان 5-ئەترەتتىكى بىر زاۋۇت بىناسىغا ئوت كەتكەن. زاۋۇت بىناسىدىكى كىگىزلەر ۋە قوشنا  كېرەكسىز  توكلۇق كەپشەرلەش ماشىنىسى ساقلايدىغان  ئىسكىلاتتىكى بارلىق نەرسىلەر كۆيۈپ كەتكەن. يەنە بىر ئۆيدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئاپاراتى ۋە ئون نەچچە ئۈسكۈنە كۆيۈپ كەتكەن.
بەخىتكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن، بىراق كىگىز زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى يۇڭيۈنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، زاۋۇتقا قويۇپ قويۇلغان قىممتى 160 مىڭ يۈەنلىك 1000 تال كىگىز ۋە قىممىتى 200 مىڭ يۈەنلىك 4 دانە كەشتە ماشىنىسى ۋە 3 دانە پاختا ئېتىش ماشىنىسىمۇ  ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن.
 سائەت 21 لەردە،  نەق مەيداندىكى ئوت ئۆچۈرىلىپ بولغان، بىراق كىگىز قويۇلغان ئۆيدىن يەنىلا قارا ئىس چىقىۋاتقان،ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار يەنىلا نەق مەيداننى تەكشۈرىۋاتقان ئىكەن.
نۆۋەتتە، ئوت كېتىش سەۋەبى تەكشۈرىلىۋىتىپتۇ.
ئېگىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 13 تىن 15 مىنۇت ئەتراپىدا، شىياۋشىمىن ئوتتۇرا كۆۋرۈك 3-كوچىسى 14 - نومۇرلۇق چوڭ ھويلا ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇ بىنانىڭ 3-قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە ئوت كەتكەن، بەخىتكە يارىشا ئۆلۈش يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش