رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 516 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستاندا خەلق 10 ئالدامچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى:  ئاۋسترالىيە بىرلەشمە تېلېگراف ئاگېنتلىقنىڭ 8- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرى:بىرساقچىنىڭ ئىسپاتلاپ بېرىشىچە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كارناتاكادا 10 نەپەر  ئالدامچى دەپ گۇمان قىلىنغان ئادەم  غەزەپلەنگەن ئامما تەرىپىدىن «ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىندى».
 ھىندىستاننىڭ  يېزا سەھرا رايونىدىكى «زوراۋان  ھەقىقىتى» يەنە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كارناتاكا ئۆلكىسىدىكى باش تەپتىش مالىنى. كرىشنامۇرسىي ئىسپاتلاپ مۇنداق دەيدۇ:« 8- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، جەمئىي ئون  ئادەم خەلق تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن».
 ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ دېيىشىچە، زوراۋان  خەلق بۇ ئادەملەرنىڭ ماشىنىسىنى توسۇۋىلىپ،  كېيىن ئالتە  ئادەمنى ماشىنغا باغلاپ، ئوت  قويۇۋەتكەن.   قالغان ئالتە ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۈچى قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق  ئۇلار  قوغلاپ يېتىپ بۇ ئۈچەيلەننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى ئېغىر يارىلىنىپ، بەنجالور دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىندى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئۆلۈپ كەتتى».
كرىشنامۇرسىينىڭ دېيىشىچە،  ئۆلگۈچىلەرنىڭ يېشى 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئەرلەر بولۇپ. قوشنا ئۆلكە ئەندھىرا ئۆلكىسىدىن كەلگەن. ئۇلار بىرئايالنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى بۇلاۋاتقاندا،  خەلقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ساقچى تەرەپ گۇمان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« بەلكىم بۇ كىشىلەر بىر گورۇھتىن بولۇشى مۇمكىن.  ئۇلار ئىلگىرى بۇ كەنىتكە كەلگەن، ۋە  كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالتۇنلىرىنى سىلىقلاپ بېرىمىز،دېگەننى باھانە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالتۇن جابدۇقلىرىنى يېغىۋىلىپ يوقاپ كەتكەن ئىكەن».
 دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساقچى تەرەپ 71 گۇماندارنى قولغا ئالدى.  ھىندىستاندا زوراۋان خەلقنىڭ مۇشۇنداق ۋەقەلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. يەرلىك ساقچىلار پارىخور ۋە قۇراللىرى ئارقىدا قالغان سەۋەبلىك كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز. بۇ خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى دائىم  ئالدامچىلار ۋە  ئوغرىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش