رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1810 قېتىم كۈرۈلدى
ئاقسۇدا ئاخىرى 5 دانە 7 بولغان يانفون نومۇرى 280 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.wlmqwb.com

ئۈرۈمچى لىنىيىسى تورى خەۋىرى، بىر ئاخىرى 5 دانە 7 بولغان تىلفون نومۇرى ، 280 مىڭ يۈەنگە چىققان.7-ئاينىڭ 30 -كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ شەھرىدىكى بىر ئەر بۇ نومۇرنى سېتىۋالغان.
كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئاقسۇ تارماق شىركىتى سېتىش بۆلىمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، شۇكۈنى ئاقسۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى 188 ئېسىل نومۇرلارنى تالاشتۇرۇپ سېتىش يېغىنى ئويۇشتۇرغان، ئاخىرىقى خانىسى 5 دانە 7 ، 6 دانە 9، 7 دانە 9 ، بولغان نومۇرلار ئىچىدە ، ئاخىرى 5 دانە 7 بولغان نومۇرغا 280 مىڭ يۈەن باھا قويۇلغان.
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىر بۇ ئاخىرى 5 دانە 7 بولغان نومۇرغا كۆپ قېتىم تىلىفۇن ئۇرغان، بىراق تىلىفون ئىزچىل ئېتىك تۇرغان. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار كىشىلىرىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ نومۇرنى سېتىۋالغان ئەر بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە تىجارەت قىلىدىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ نومۇرنى يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالغان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا مەسئۇل كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭلىننىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ پۈتۈن جەريانى گۇۋاھلىق بېرىش ئورنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە كۆپچىلىكنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا 50 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن، قاتارلىق باھالار ئوتتۇرىغا چىققان. ئەينى چاغدا بەزىلەر بۇ نومۇرنىڭ باھاسى 180 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دىسە، بەزىلەر 200 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ دېيىشكەن، راستىنلا بىرەيلەن 200 مىڭ يۈەن باھا قويغان. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى بىردەمدىن كېيىن بۇ نومۇر 280 مىڭ يۈەنگە چىقىپ «ئەڭ يۇقىرى باھا» بولۇپ قالغان.
شۇكۈنى ئاخىرى 5 دانە 8 بولغان نومۇر 140 مىڭ 800 يۈەنگە،  6 دانە 5 بولغان نومۇر 150مىڭ 200 يۈەنگە سېتىلغان.
كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە،  ئاۋال ئوخشاش نومۇرلارنىڭ ئارقىمۇ -ئارقا كېلىش كەلمەسلىكىگە قاراش كېرەك. مەسىلەن 5 دانە 7 ، 5 دانە 8 ، دېگەندەك ئۇلانما نومۇرلار، ئوخشاش سان قانچىكى ئارقىمۇ-ئارقا كەلسە شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن ، ھەمدە بۇنداق نومۇرلارنىڭ ھەممىسى نومۇرنىڭ ئاخىرىدا كەلسە باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ يانغۇن نومۇرى بازىرىدىن ئېگىلىشىچە، ئاخىرى 5 دانە ئوخشاش نومۇردىن تۈزۈلگەن نومۇرلار  ئاساسەن 10 مىڭ يۈەننىڭ ئۈستىدە بولۇپ، 6 دانە 9 ، نومۇر ئىلگىرى 80 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان، 7 دانە 9، نومۇر 100 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان، بىراق 300 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان ئەھۋال ئۈرۈمچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى :

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش