رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 673 قېتىم كۈرۈلدى
200 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن گۋاتېمالا سابىق ھەربىي ئەمەلدارى 6060 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.hf365.com

گۋاتېمالا سەھەر گېزىتى خەۋىرى: گۋاتېمالا سوت مەھكىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاۋغۇست 1982-يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 200 دىن ئارتۇق پۇقرانى ئۆلتۈرگەن تۆت نەپەر سابىق ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ھەربىرىگە 6060 يىلدىن قاماق جازاسى بەرگەن.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە ئېيتىلىشىچە، سوت بىردەك جاۋاپكارنى قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ قارىغان، بۇ خىل جىنايەت قىلمىشىغا، ھەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىگە 30 يىللىق قاماق جازاسى بويىچى ھېسابلىغاندا، ھەربىر جاۋاپكارغا 6060 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، سوت مەھكىمىسى يەنە« ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى»دەپ ئاتىلىدىغان جىنايەت تۈرى بىلەن ھەربىر ھەربىي ئەمەلدارغا 30 يىللىك قاماق جازاسى قوشۇپ، ھەربىرىنى 6060 يىللىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىكەن.
1960-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە گۋاتېمالادا چوڭ  تىپتىكى ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغان. 1982-يىلى 12-ئايدا، بىر كەنتتىكى 200 نەپەر پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلگۈچىلەر ھامىلدار ئاياللار، ئۆسمۈرلەر ۋە ياشانغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، شۇ چاغدا پەقەت بىر قانچە نەپەر ئۆسمۈر ھايات قالغان ئىكەن.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق قاتىللىق ئىنتايىن ئەسەبىيلەرچە ئېلىپ بېرىلغان، چۈنكى بۇ قەبىھ جىنايەتچىلەر بۇ كەنتنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش