رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 917 قېتىم كۈرۈلدى
ئىتالىيە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجابلىنىشىنى چەكلىمەكچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -03
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاۋغۇست خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجابلىنىشىنى چەكلەش قانۇنىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىتالىيە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجابلىنىشىنى چەكلەيدىغان يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسى قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى «پۈتۈن مەملىكەتتە پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرۇدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئايالچە كىيىمىنى چەكلەش» قانۇن لاھىيىسىنى ماقۇللىغان. ئەگەر بۇ قانۇن لاھىيىسى 9-ئايدىكى پارلامېنت يىغىنىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، ئىتالىيە ئەڭ يېقىندا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجابلىنىشنى چەكلەيدىغان دۆلەت بولۇپ قالىدىكەن.
ئىتالىيە دېموكراتلار پارتىيىسىدىن سالۋاتورنىڭ قارىشىچە، بۇ قارار بىر خىل خاتالىق بولۇپ، قانۇن لاھىيىسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىشى دۆلەتكە ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئەھمىيىتى يوق بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارادا بىر قىسىملارنىڭ دۈشمەنلىكىنى قوزغاپ قويىدىكەن.
مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇ قانۇن لاھىيىسىگە قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىتالىيە ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رىچاردنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بەلگىلىمە شەخسىي ئەركىنلىككە ئارىلىشىدىغان نامۇۋاپىق قىلمىش بولۇپلا قالماستىن ھەم ئىسلام ئەھكاملىرىغا خىلاپ ئىكەن.
ئىتالىيە «دەۋر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە پۇرسەت ۋە باراۋەرلىك مىنىستېرلىكىنىڭ مىنىستىرى بۇ قانۇن لاھىيىسىنى بار كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنى ئەركىنلىكنى ئاياللارغا قايتۇرۇپ بېرىش، ئۇلارنىڭ كىشەندىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بەرگەنلىك دەپ قارىغان.
ئىگەللىنىشچە، بۇ قانۇن لاھىيىسىنى ئىتالىيەدىكى ردىكال ئوڭ قانات سىياسىي پارتىيە شىمال ئىتتىپاقىنىڭ باش مىنىستىرى بېلۇسكونى رەھبەرلىكىدىكى ئوڭچىل ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قانۇن لاھىيىسىدە، ھىجابلىنىش سەۋەبلىك شەخسنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تەس بولسا ياكى ئامالسىز قالسا، شۇ كىشىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىڭ ياۋرو جەرىمانە ۋە 12 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىدىكەن؛ بالىلارنى ۋە مېيىپلارنى ھىجابلىنىشقا مەجبورلىغان كىشىگە قاماق جازاسىنى 18 ئاي ئۇزارتىدىكەن.
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش