رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 754 قېتىم كۈرۈلدى
90% ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى «بازا»تەشكىلاتىغا ھېسداشلىق قىلمايدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -03
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

شىنخۇا تورىنىڭ 3-ئاۋغۇست تېلىگراممىسى: «9.11» ۋەقەسىگە بۇ يىل 10 يىل توشتى، بىر تۈرلۈل خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئىپادىلىنىشىچە، گەرچە ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆچمەنلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار ئامېرىكىغا يۇقىرى دەرىجىدە سادىق بولغان ھەمدە كەلگۈسىگە نىسپەتەن ئۈمىد بىلەن قارىغان.
گايلورد ئەل رايىنى سىناش مەركىزى 2-ئاۋغۇست بىر تۈلۈك ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى سىرتقى جەمئىيەتنىڭ پەرىزى بىلەن ئوخشاش چىقمىغان.
بۇ قېتىمقى ئەر رايىنى سىناش گايلوردتىكى ئابدار بىگ گايلورد مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان  بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، ھەمدە ئوخشاي يىلنىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئايرىم-ئايرىم تېلىفۇن ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان، جەمئىي 2482 نەپەر ئادەمنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 475 نەپىرى مۇسۇلمان.
ئەل رايىنى سىناش تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %90 مۇسۇلماننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار ئامېرىكىدىكى دوستلار جەمئىيىتى «9.11»تېررورلۇق ۋەقەسىنى پىلانلىغان «بازا»تەشكىلاتىغا ئازراقمۇ ھېسداشلىق قىلمايدىكەن، قالغان دىنغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنىڭمۇ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى« بازا» تەشكىلاتىنى قوللىمايدىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا نىسپەتەن تونۇشى مۇسۇلمانلاردىن خېلى تۆۋەن تۇرىدىكەن.
تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، «9.11»ۋەقەسىگە گەرچە 10 يىل بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئىزچىل ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)نىڭ تېررورلىققا قارشى ئاساسلىق قۇلۇبلاش نىشانى بولۇپ كەلگەن، لېكىن %60 ئامېرىكا مۇسۇلمىنى ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)غا نىسپەتەن ئىشىنىپ كەلگەن، بىراق بۇ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار يەنىلا ئادەتتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن %75 تۆۋەن ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئامېرىكا دېپلوماتىيە سىياسىتىگە قارىتا گۇمان بىلەن قارايدىغان كىشلەر توپى بولۇپ، كۆپ سانلىق ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئىراق ۋە ئاففانىستان ئۇرۇشى خاتا دەپ قاراپ، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار سىياسىتىنى قوللىمايدىغان بىر توپقا ئايلانغان.
3/2 قىسىم ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارىشىچە، كۆپ سانلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ « ئامېرىكا نېمە قىلدى»دەپ قارىشىدا ئىكەن.
تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، 2/3قىسىم ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا كۈچلۈك تونۇش ۋە قوللاشتا بولغانلىقىدا ئىكەن.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش