رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 918 قېتىم كۈرۈلدى
ئوبامانىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -03
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.elqut.cn
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما رامىزاننىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

باراك ئوباما تەبرىك تېلېگراممىسىدا، رەپىقىسى مېشېل بىلەن بىرلىكتە رامىزاننىڭ ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ھەمدە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رامىزاننىڭ پىداكارلىق ئېيى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئوباما، ئاللاھ تائالانىڭ مىسلىسىز رەھمىتىنى كۆزلەپ تۇتقان روزىنىڭ، ئىنساننىڭ روھى كۈچى، ئىنتىزامچانلىقى ۋە ئىلمىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا موھتاجلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى خاتىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باراك ئوباما، پۈتكۈل دۇنيانى ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتقانلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: رامىزانغا ئوخشىغان ۋاقىتلار، ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىنلارنىڭ مۇنۇ تەۋسىيەسىنى ئەسلىتىدۇ: باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى خالىسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ.
ئاق سارايدا يەنە بىر ئىپتار زىياپىتىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، تېلېگراممىسىنى، «بارلىق مۇسۇلمانلارغا قۇتلۇق بىر ئاي تىلەيمەن، رامىزان ئېيى مۇبارەك بولسۇن» ئىبارىلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش