رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 525 قېتىم كۈرۈلدى
ناتو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى يول توساقلىرىنى تازىلاشقا باشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -02
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 1-ئاۋغۇست خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت نىڭ باياناتچىسى خەنس ۋىچېر (Hans Wichter) نىڭ دېيىشىچە، ش ئا ئە ت كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى يول توساقلىرىنى تازىلاشقا باشلىغان. سېرىبلار بىر ھەپتىلىك زوراۋانلىق توقۇنىشىدا بۇ يول توساقلىرىنى ياسىغان، توقۇنۇشتا بىر نەپەر كوسوۋو ساقچىسى ئۆلگەن.
خەنس ۋىچېر دېيىشىچە، ش ئا ئە ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاز دېگەندە 3 ئورۇندىكى يول توساقلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. بۇ يول توساقلىرى قىسىملارنىڭ شىمالدىكى بازىسىغا بېرىش يولىنى توساپ قويغان. نۆۋەتتە قالغان يول توساقلىرىنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
پورتۇگالىيە ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى يول توساقلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان، يول توساقلىرىنىڭ ئەتراپىغا 200 نەچچە سېرب توپلىشىۋالغان.
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش