رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 561 قېتىم كۈرۈلدى
271 كۆچمەن ئولتۇرغان كۆچمەنلەر كىمىسىدىن 25 جەسەت بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -01
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
خەلقئارا تورى خەۋىرى: 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، بىر كۆچمەنلەر كىمىسى ئىتالىيەنىڭ  جەنۇبىي قىسمىدىكى   ئارالغا يېتىپ كەلدى. كىمىگە 271 ئادەم چىققان بولۇپ، ئىتالىيە دېڭىز قىرغاق  مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى  كىمىدىن 25 جەسەتنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش ئەرلەر بولۇپ،  نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.  بەلكىم كىمىدىكى قىستاڭ مۇھىتتا   بۇ ئەرلەر تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان بولۇشى  مۇمكىن.
كۆچمەنلەر كىمىدىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ كىمىسىگە يۆتكىلىۋاتقاندا، ئىتالىيە ساقچى تەرەپ بۇ جەسەتلەرنى بايقىدى. بۇ جەسەتلەر ئىتالىيەدىكى جەسەت ساقلاش ئۆيىگە يۆتكىۋىتىلدى.
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
يېقىنقى نەچچە ھەپتىدىن بىرى نەچچە مىڭ لىۋىيە كۆچمەنلىرى ئىتالىيەگە بېرىپ پاناھلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئافرىقىدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرمۇ بار ئىكەن.  كۆچمەنلەر  بىر ئەسكى بېلىقچى كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئىتالىيەگە كەلگەن.  يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە نەچچە يۈز كۆچمەن ئاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قارا بوران ۋە دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.  كۆچمەنلەر كىمىسى شىمالىي ئافرىقىدىن ئىتالىيەگە كەلگۈچە تەخمىنەن ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش