ئافغانىستان لەشكەرگاھ شەھىرىدە ساقچىلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ 11 ئادەم ئۆلدى
- يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -01
- يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
- مەنبەسى : ئوكيان
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى لەشكەرگاھ شەھىرىنىڭ ساقچى باش شىتابى ئىشىكى ئالدىدا 31-ئىيۇل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبا پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پارتلاشتا ئاز دېگەندە 11 ئادەم ئۆلگەن.
ھېلماند ئۆلكىسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسى دائۇد ئەخمەدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش ساقچى باش شىتابىنىڭ ھويلىسىدىكى قورشاۋ تامنى دەز كەتكۈزىۋەتكەن، 12 ئادەم يارىدار بولغان. ئۆلگەنلەر 11 نەپەر ساقچى ۋە بىر نەپەر بالا ئىكەن.
دائۇد ئەخمەدى دېيىشىچە، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ قوشۇپ ھۇجۇم قىلغۇچى بىر ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئىككى ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسىلىپ كىرگەن، ساقچى باش شىتابىنىڭ ھويلىسى ئىشىكى ئالدىدا بومبىنى پارتلاتقان.
تالىباننىڭ باياناتچىسى قارى يۈسۈف ئەخمەد بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ