رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 768 قېتىم كۈرۈلدى
ش ئا ئە ت تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋالماسلىققا قاتتىق ئاگاھلاندۇر ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
يەر شارى تورىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرى: تۈركىيە ھۆرىيەت ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر تۈركىيە جۇڭگو ياكى روسىيەنىڭ سىستېمىسى ئارقىلىق ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرسا، ش ئا ئە ت تۈركىيە بىلەن تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن بەھرىمان بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىگەللىنىشچە، تۈركىيە بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى توختامى ئىمزالاشنى تالىشىۋاتقانلاردىن ئامېرىكىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، روسىيەنىڭ S-300 ۋە جۇڭگونىڭ HQ-9 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ھەمدە ئىتالىيە ۋە فرانسىيەنىڭ SAMP/T Aster30 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى بار ئىكەن. تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ياكى كېلەر يىل دەسلەپكى قارارنى چىقارماقچى بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كۆپلىگەن غەرب ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى بىلدۈرۈشىچە، گەرچە روسىيە ۋە جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سىغىشالمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت تۈركىيەگە مال تەمىنلىگۈچى بولۇپ قالسا، بۇ ئۇلارنىڭ ش ئا ئە ت ئاخبارات ئۇچۇرلىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاخىرىدا ش ئا ئە ت نىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.
بىر غەرب مۇتەخەسسىسى قارشى تۇرۇپ:«ئەگەر جۇڭگو مال تەمىنلىگۈچى بولسا، ئۇلارنىڭ سىستېمىسى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ش ئا ئە ت نىڭ ئاخبارات سىستېمىسىغا كاشىلا قىلىدۇ، بۇ ش ئا ئە ت نىڭ ھەل قىلغۇچ ئۇچۇرىنىڭ جۇڭگونىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرپ چىقىرىدۇ، بۇ ناھايىتى خەتەرلىك» دېگەن.
بىر غەرب ئەمەلدارى:«ش ئا ئە ت بۇ سودىغا يول قويمايدۇ. ئەگەر جۇڭگو ياكى روسىيە تۈركىيەنىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى بولسا، ئۇلارنىڭ سىستېمىسى يەككە ھالدا يۈرۈشتۈرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سىستېمىسىنى ش ئا ئە ت نىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ش ئا ئە ت نىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىستېمىسىنى تاللىماسلىققا كۈچلۈك دەۋەت قىلىشى ئىكەن.
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش