رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 4591 قېتىم كۈرۈلدى
قەشقەردە ئىككى ئادەم ماشىنا بۇلىغاندىن كېيىن ئادەملەرنى سوقۇپ 7 ئادەمنى چېپىپ تاشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:45 ئۆتكەندە، ئىككى جىنايەت گۇماندارى قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر كوچىسىدا يول چىرىغىنىڭ يېنىشىنى ساقلاۋاتقان يۈك ماشىنىسىنى بۇلاپ، شوپۇرغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن ماشىنىنى ھەيدەپ كىشىلەر توپىغا بۆسۈپ كەلگەن ھەمدە ماشىنىدىن چۈشۈپ يول بويىدىكى ئاممىنى چېپىشقا باشلىغان، نەق مەيداندا 6 نەپەر پۇقرا ئۆلگەن، 28 ئادەم يارىدار بولغان.
ئەتراپتىكى ئامما قارشىلىق كۆرسەتكەن، جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشىشتا بىرى ئۆلگەن، يەنە بىرى تۇتۇلغان.
نۆۋەتتە، يارىدار بولغان ئامما دوختۇرخانىغا داۋالىنىۋېتىپتۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى دېلونى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ھەمدە جامائەت ئامانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتكەن.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش