رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 855 قېتىم كۈرۈلدى
پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدە 13 ئادەم ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋىرى: پاكىستان ساقچىسى 30-ئىيۇل دېيىشىچە، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قۇتتەدە 30-ئىيۇل ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم ئۆلگەن.
ساقچىنىڭ دېيىشىچە، ھۇجۇم قىلىش شۇ جاي ۋاقتى 30-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، بىر يولۇچى ماشىنىسى قۇتتە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى خازارا بازىرىدا موتسىكىلىت مىنگەن ئىككى قوراللىقنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ماشىنىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلە شىئە مۇسۇلمانلىرى ئىكەن. قوراللىق كىشىلەر نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى قامال قىلىپ ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.
پاكىستاننىڭ 170 مىليون نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمى سۈننىي مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، شىئە مۇسۇلمانلىرى %15 ئىگىلەيدۇ.
يېقىندا، بالۇچىستان ئۆلكىسىدە مەزھەپلەر توقۇنىشى كەسكىنلەشكەن، شىئە مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرگەن، 29-ئىيۇل، بىر قوراللىق كىشى قۇتتە شەھىرىدىكى ماشىنا بېكىتىدە 7 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان، 10 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئىرانغا بېرىپ تاۋاپ قىلىشقا تەييارلانغان شىئە مۇسۇلمانلىرى ئىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش