رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 797 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى199 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان ئالقات
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -26
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.tianshannet.com.cn

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى، شىنجاڭ جىڭ ناھىيىسى تۇنجى قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان«ئالقات پادىشاھى» 199مىڭ يۈەنگە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقرى باھا بولۇپ قالغان.
شىنجاڭ خۇڭجىن ئالقات ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇخبىرغا« بۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان‹ ئالقات پادىشاھى› جىڭ ناھىيىسىنىڭ تولى يېزىسىدىن چىققان بولۇپ، جىڭ ناھىيلىك ئالقات باشقۇرۇش مەركىزى يىتىشتۈرگەن، مەن مۇشۇ ياشقا كىرىپ، شۇنچە يىل ئالقات تىجارىتى قىلىپ، بۇنداق يوغان ئالقاتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم!» دېگەن.
بۇ قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان«ئالقات پادىشاھى» جىڭ ناھىىيىسىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ،جىڭ ناھىيسىدىكى 120 مىڭ مولۇق ئالقات يىتىشتۇرۇش ئائىلىسىدىكى 26 نەپەر دېھقاننىڭ ئۆزلىكىدىن تىزىملاتقان، دۆلەتنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ھەر 50 گىرامى 280 تال ۋە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەر 50 گرامى 150 تال ئۆلچەمدىكى، تاللاپ چىقىلغان 7 نەپەر دېھقاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئالقاتلىرىدىن تاللانغان ئىكەن. تاللاپ چىقىلغان«ئالقات پادىشاھى» نىڭ ھەر 50 گرامى 91 تالغا يەتكەن بولۇپ، جەمىئىي 3 كىلو ئالقات 199 مىڭ يۈەنگە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان.
شىنجاڭ خۇڭجىن ئالقات ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇخبىرغا يەنە«  كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ‹ ئالقات پادىشاھى› نى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ خۇڭجىن ئالقات ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈنسېرى چوڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇندىن كېيىن بىز داۋملىق دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئالقات پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئاممىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئالقات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېگەن.
ئېگىلىنىشىچە، شىنجاڭ دۇنيادىكى ئالتە چوڭ مىۋە-چىۋە بەلبىغىنىڭ بىرى بولۇپ، مول سۇ،كۈن نۇرى،ئىسسىقلىق مەنبەسى شىنجاڭنى ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئالقات شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان 12 خىل ئاساسلىق يىتىشتۈرۈپ چىقىلغان مېۋىلىك دەرىىنىڭ بىر بولۇپ، نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئۇمۇمىي ئالقات كۆلىمى 230مىڭ 870 مو، جىڭ ناھىيسىدىكى ئومۇمىي ئالقات كۆلىمى 110مىڭ 890 مۇ،پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %49.81 نى ئىگىلىگەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئالقات 2010-يىلغىچە،20مىڭ توننىغا يەتكەن، جىڭ ناھىيىسى 13مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %65 نى ئىگىلىگەن.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش